شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 9-نويابىر تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-نويابىر چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا تايلاند زۇڭلىسى بايۈ بىلەن كۆرۈشتى .
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن بايۈنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى قىرغىن قارشى ئالدى . لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بىز تېخى يېقىندىلا مىلاندا ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۇچرىشىپ ، ئىككى دۆلەت ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ۋە كېلىشىملەرنى ئوبدان ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلۇپ ، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغانىدۇق .
مەن ئىككى تەرەپنىڭ كېلەر يىلى جۇڭگو-تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، جۇڭگو-تايلاند دوستلۇقىنى ئەمەلىي نەتىجىلەرگە ئايلاندۇرۇپ ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved