تاماشا قانىلى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .3-ئاينىڭ 11-كۈنى ،بىر تورداش سىنا مىكرو بىلوگىدا داڭلىق چولپان لىيۇۋ كەيۋېينىڭ قىزى كىچىك نومىنى ئېلىپ شىياڭگاڭدىكى بىر بالدۇر تەربىيىلەش مەركىزىدە پەيدا بولغاندىكى رەسىمىنى ئاشكارىلىدى .رەسىمدە كىچىك نومى يەر يۈزىدە ئولتۇرۇپ باشقا كىچىك دوستلار بىلەن بىرلىكتە ئويناۋاتقانلىقى ،كېلىشكەن چولپان لىيۇۋ كەيۋېينىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن قىزىغا قاراۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەنگەن .بۇ پۈتۈنلەي بىر كۆيۈمچان دادىنىڭ ئوبرازى ئىدى .
مىكرو بىلوگ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تورداشلار بەس بەستە مۇنازىرە يۈرگۈزۈپ ۋە باھا سۆزى يېزىپ :> كىچىك نومى ھەقىقەتەن دادىسىغا بەكلا ئوخشايدىكەن <دېيىشكەن .ئارقىدىنلا ياڭ مى مىكرو بىلوگىدا :>بىر ئانا بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ،يەنىلا قىزىمنىڭ تىنىچ ۋە باشقىلارنىڭ دەخلى تەرۇزىسىز مۇھىتتا ساغلام چوڭ بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .گەرچە بۇ ئىشنىڭ تولىمۇ قىيىنلىقىنى بىلسەممۇ ،يەنىلا ئۇنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدىيالىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن ،بۇ بىر ئانىنىڭ كىچىككىنە بىر ئارزۇسى خالاس ،كۆپچىلىكنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت <دېدى .ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن تورداشلار بەس بەستە ياڭ مىنىڭ بۇ مىكرو بىلوگىغا قارىتا ئىنكاس يېزىپ ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .كىچىك نومىنىڭ دادىسى لىيۇۋ كەيۋېيمۇ ئايالىنىڭ مىكرو بىلىوگىنى تارقىتىپ :>كۆپچىلىككە رەھمەت ،كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن<دېدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 19-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 27-نۆۋەتلىك ‹‹ ئامېرىكا دۆلەت جۇغراپىيەسى ›› ساياھەت فوتوسۈرەت مۇسابىقىسى باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە مۇسابىقىگە قا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved