ئۈندىدارنىڭ نېمىشقا iPad ۋە PC نۇسخىسى يوق؟ مانا بۇ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاب

微信 نىڭ نېمىشقا iPad ۋە PC نۇسخىسى يوق؟ – مانا بۇ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاب

 

ھەي … كاللىسىنى ئىشلىتىدىغان ئادەملەر يەنىلا ئازدە، QQ ئىككىسى توقۇنۇشۇپ قاپتۇ، چايقاش ئىقتىدارى بىئەپ بولۇپ قالىدۇ … ئىشقىلىپ تەسەۋۋۇر دېگەن باغۇ- ھە!
微信 نىڭ نېمىشقا iPad نۇسخىسى يوق؟ چۈنكى 微信 پەقەت ۋە پەقەت سىزنىڭ ئۇنى يانفوندىلا ئىشلىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمىسە ھەجەپ توريۈزى نۇسخىسى بارغۇ؟ بۇنى كەينىدىلا سۆزلەيمىز.

 

نېمىشقا يانفون؟


چۈنكى ھازىر يانفون تېنىڭىزنىڭ بىر قىسىمى، بۇ گەپنى چۈشەنمەيدىغان دوستلار «全面回忆» ناملىق كىنونى ئەسكە ئالساڭلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن يانفونى راستىنلا ئادەم تېنىنىڭ ئىچىگە سەپلەنگەن بولىدۇ. سىز ھېلىمۇ ھەركۈنى قوپۇپلا يانفونغا قارايسىز، ھاجەتخانىغا چىقسىڭىز بىللەن ھەمراھ قىلىۋاتىسىز، تاماق يېگەندە بىر قولدا چوكا- قوشۇق يەنەبىر قولدا يانفونغۇ! ئەجەبا مۇشۇ ئىشلارنى PC (شەخسى كومپيوتېر) ۋە iPad لەردە قىلىپ يۈرەرسىزمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق قىلمايسىز ھەم قىلالمايسىز.


چۈنكى ھازىر يانفون ئاساسەن دېگۈدەك تېنىڭىزنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ بولدى، pad ۋە PC لار ھەربىر ئادەمدە بىردىن بولالامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولالمايدۇ. ئاۋۋال كۆپ ئادەمدە يوقلىقىنى دېمەي تۇرايلى، بار ئادەممۇ بىر ئائىلىگە بىردىن ئىشلىتىدۇ. 微信 دەك بۇنداق شەخسى ئۇچۇر خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بۇنداق ئەپنى، ئۆيدىكى بىر iPad ۋەياكى PC دا ئاچساڭلار زادى قايسىڭلارنىڭكىنى ئاچىسىلەر؟؟

تور شارائىتى رۇخسەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، 微信 ئۇچۇرنىڭ ئادەمگە مەڭگۈ يىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا پەقەت يانفوندەك ئادەمنىڭ بىرقىسىمى بولۇپ شەكىللەنگەن قورالغا تايانغاندىلا، ئابونېنت مەڭگۈ ئۇچۇر قوبۇل قىلالايدىغان ھالەتتە بولىدۇ. شۇڭا 微信 توردا بار ۋە يوشۇرۇنۇش دېگەندەك ئىقتىدارىنى قوشمىغان.

 

微信 نىڭ قىلماقچى بولغىنى بىر ئادەمنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى يىغىش شۇڭا چوقۇم شۇنداق بىر مەيدان بولىشى ھەم بىردىنبىر بولىشى كېرەككى، ئۇ مەيدان سىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساقلىغان بولىدۇ، مانا بۇ دەل نېمىشقا 微信4.5 نەشىردە پاراڭ خاتىرىسىدىن مەزمۇن ئىزدىگىلى بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. QQ غا سېلىشتۇرغاندا، QQ دا سىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىڭىز يانفون، pad, ۋە PC غا چېچىلغان بولىدۇ، ئەگەر سىز مەلۇم بىر ئۇچۇرنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز قايسىغا بېرىپ ئىزدەيسىز؟

توريۈزى نۇسخىسىنىڭ گېپىگە كەلسەك، ئەمەلىيەتتە قانداقتۇر بۇنداق نۇسخىسىمۇ يوق، پەقەت سىزنىڭ كومپيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، يەنە بىرلا ۋاقىتتا يانفوندا تۇرۇپمۇ خەت يازىدىغان مەيدانلا بار خالاس. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا پەقەت سىزنىڭ كۇنۇپكا تاختىڭىزنى ئىشلىتىپ تۇرغانلا يېرى بار. شۇڭا بۇمۇ دەل نېمىشقا توريۈزى نۇسخىسىغا كىرگەندە ئىككى ئۆلچەملىك كود (二维码) ئارقىلىق كىرىدىغاننىڭ سەۋەبى. بۇ چاغدا QQ نومۇرىڭىز ھىچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ! دېدىمغۇ، 微信 زادى سىزنى يانفوندىن ئايرىلماس قىلىۋېتىدۇ. توريۈزى نۇسخىسىغا كىرسىڭىزمۇ يانفوننى كۆتۈرۈپ تۈرۈپ كىرىسىز ھەقاچان … شۇڭا ئىككى ئۆلچەملىك كود ھەرگىزمۇ سىزنىڭ 微信 نومۇرىڭىز ئەمەس، ئۇ پەقەت كومپيوتېر ۋە يانفوننى تۇتاشتۇرۇپ بېرىدىغان كۆۋرۈك، يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ پەقەت يانفون بىلەن كومپيۇتېرىڭىزنى ئۇلاپلا بەردى، ھەرگىزمۇ كومپيۇتېردا سىزنىڭ 微信 نىڭىزغا كىرگىنى يوق، شۇڭا 微信 نىڭ كومپيوتېر بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوق، ئاتالمىش PC نۇسخىدىكى 微信 نىڭ ھەممىسى يالغان ھەم بۇندىن كېيىنمۇ ئورگان تەرەپ ئۇنداق PC نۇسخىسىنى ئېلان قىلمايدۇ.

 

ئىككى ئۆلچەملىك كود بىرتەرەپتىن سىزگە توريۈزى نۇسخىدىكى 微信 غا كىرگەندە قولايلىق ئېلىپ كېلىپلا قالماي يەنە بىر تەرەپتىن توريۈزىدەك بۇ سەينادا ئۇزاق تۇرسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى، يەنىلا دەرھال يانفونغا قايتىپ كېلىشىڭىزنى تۇيدۇرماي ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى باشقا ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا يانفون نۇسخىسىدا. بۇمۇ دەل نېمەئۈچۈن توريۈزى نۇسخىسى بىلەن يانفون نۇسخىسىنىڭ ئۇچۇرلىرى ماس قەدەمدە ماڭىدىغىنىڭ سەۋەبى.

 

微信 نىڭ توريۈزى نۇسخىسىغا بولغان پوزىتسىيىسىنى چۈشەنگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا 微信 نىڭ يانفون نۇسخىسىدىن باشقا ھېچقانداق نۇسخىسىنى مەڭگۈ چىقارمايدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىسىز.

 

دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، دوستلۇق چەمبىرىكىدە ئۇچۇر كەلسە ھەرگىزمۇ باش ئېكراندا ئەسكەرتىش كەلمەيدۇ، ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن سىز چوقۇم 微信 نى ئېچىشىڭىز كېرەك … كۆردىڭىزمۇ، 微信 ھەرقانداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ سىزنى يانفوننىڭ قۇلى قىلىپ تەربىيلەپ چىقىدۇ.

 

 

كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار :

 


ئەسلى سوئال: نېمىشقا 微信 نىڭ iPad نۇسخىسى يوق؟


بەزىلەر دەيدۇ: بارغۇ، مەن ھەجەپ iPad ئىشلىتىپ تۇرۇپ چىقالايمەنغۇ!


مەن دەيمەن: سويما، ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز iPhone نۇسخىدىكى 微信 ، مەخسۇس iPad ئۈچۈن ياسالغان 微信 تۆرەلگىنى يوق!

بەزىلەر سورايدۇ: 微信 نى نېمىشقا پەقەت بىرلا ئۈسكۈنىدە ئاچقىلى بولىدۇ، iPad تە ئاچسام، يانفوندىكىسى چۈشۈپ كەتتىغۇ؟


مەن دەيمەن: مەيلى ئالدىڭىزدا قانچىلىك ئېكران بولۇپ كەتسۇن، سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى يىغىپ تۇرۇپ قارايدىغىنىڭىز يەنىلا بىرلا ئېكران، بىر ئېكراندا ئۇچۇر كۆرىسىز، بىر ئېكراندا ئۇچۇرنى بىرتەرەپ قىلىسىز.

 

بەزىلەر سورايدۇ: مېنىڭ iPad نۇسخىدىكى 微信 نى بەكلا ئىشلەتكۈم بار ئىدى!

 


مەن دەيمەن: توغرا، چوڭ ئېكراندا ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلسا بەزىدە ھەقىقەتەن قولايلىق بولىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە 微信 نىڭ iPad نۇسخىسى چىققان تەقدىردىمۇ چوقۇم يەنە توريۈزى نۇسخىسىدەك ئىككى ئۆلچەملىك كود دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن يانفوننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ كىرىسىز، سەۋەبىنى ئۈستىدە دېدۇق. 微信 يانفوننىڭ قۇلى، سىز يانفوننڭ!



خەتكۈچلەر:
15-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek