نۇرغۇن كىشى تېرىسى زەخىملەنگەندە، جاراھەت چاپلىمىسى بىلەن جاراھەت ئېغىزىنى چاپلىۋالىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، زەخىملەنگەن جاراھەت ئورنىغا جاراھەت چاپلىمىسىنى ئىشلىتىش توغرا ئەمەسكەن، جاراھەت ئېغىزىنى گېنتىئانا ئېرىتمىسى (水药紫 ) بىلەن دېزىنفېكسىيەلەپ، ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغاندا، جاراھەت ئېغىزىنىڭ ساقىيىشى تېز بولىدىكەن. ئەگەر جاراھەت يۈزى بىر قەدەر چوڭ بولسا، ئادەتتىكى جاراھەت چاپلىمىسىنى ئىشلەتكەندە، چاپلىمىنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىق ۋە ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىق ئىقتىدارى ياخشى بولمىغاچقا، جاراھەت ئېغىزىدىن ئاجرىلىپ چىققان ئاجرالمىلار، يىرىڭ ياكى زەردابنىڭ چىقىپ كېتىشىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە پايدىلىق بولۇپ، جاراھەت ئېغىزىنىڭ ئاسان ياللۇغلىنىپ قېلىشىنى، ھەتتا يارا پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
جاراھەت چاپلىمىسى ئادەتتە يارا ئېغىزى كىچىك بولغان جاراھەتلەرگە، يېنىك دەرىجىدىكى سىرتقى زەخىم ياكى كېسىلىپ كەتكەن ئورۇندىن قان كۆپ چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. جاراھەت چاپلىمىسىنى ئىشلەتكەندە، چاپلىمىنى كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ھەم قۇرغاق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر جاراھەت چاپلىمىسى نەملىشىپ قالسا، دەرھال يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك، بولمىسا جاراھەت ئېغىزىدا باكتېرىيە كۆپىيىۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جاراھەت چاپلىمىسىنى بەك چىڭ تېڭىۋالماسلىق كېرەك، بولمىسا جاراھەت ئېغىزىغا ھاۋا ئۆتۈشمەي، ئوكسىگېنسىز يۇقۇملىنىش يۈز بېرىدۇ ھەم جاراھەت ئورنىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى ياخشى بولمايدۇ. ئەگەر جاراھەت ئېغىزىغا باشقا نەرسىلەرنىڭ تىگىپ كېتىش ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك بولسا، ئەڭ ياخشىسى جاراھەت چاپلىمىسىنى ئېلىۋېتىش كېرەك. جاراھەت ئېغىزىغا تەبىئىي ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرغاندا، جاراھەتنىڭ ساقىيىشى تېز بولىدۇ. ناۋادا جاراھەت يۈزىدە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved