جەڭ مەيدانىغا ئايلانغان شەھەر: ھەلەب

دۇنيا ئاگېنتلىقى 13-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمى جايلىرىدىن بىرى بولغان ھەلەب شەھىرى ، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇرۇش بىلەن تىلغا ئېلىنماقتا. سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ مەزكۇر رايۇندا 4 يىلدىن بېرى پەيدا قىلغان ۋەيرانچىلىقى ئېنىق. سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش 5-يىلىغا قەدەم قويىۋاتقان مەزگىلدە، ھازىرغا قەدەر ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا 220 مىڭدىن ئارتۇق. دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمى شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ھەلەب شەھىرىدە بولسا ئاز دىگەندە 31 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھەلەب قەدىمدىن بېرى سۇرىيەنىڭ تىجارەت مەركىزى بولغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە بىر جەڭ مەيدانىغا ئايلانماقتا. دۆلەتتىكى خەلق قوزغىلىڭىدىن بىر يىل كېيىن باشلانغان تۇقۇنۇشلار نەتىجىسىدە ھەلەبتە ئون مىڭلارچە كىشى ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى.
ھەلەب رايۇنى، ئەسەد ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللىقىدىكى رايۇنلاردىن ئايرىم ھالەتتە. رايۇننىڭ شەرق تەرىپى ئۆكتىچىلەرنىڭ، غەرب تەرىپى ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا تۇرماقتا. بۇ ھەر ئىككى قىسىمدا زور دەرىجىدە ئۇرۇش ۋە بومباردىمان قىلىش مەۋجۇت. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى جىدەلنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن كۈچى ھازىرغىچە بىرەر ئىلگىرلەش پەيدا قىلالمىدى.
رايۇندا بىرەر تال نان سېتىۋېلىش ئۈچۈنمۇ سائەتلەپ ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ ، تونۇرلار ئالدىدا ئۇزۇن قۇيرۇقتەك سوزۇلغان كىشىلەر توپى دائىم ئەسەدنىڭ بومباردىمان قىلىشى تەھدىتى ئاستىدا تۇرماقتا.
رايۇندا سەھىيە خىزمىتى تامامەن پالەچ ئەھۋالدا. ھەلەبلىكلەر ئۇرۇش باشلانغان ۋاقىتتىلا بومباردىمان قىلىنغان سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق كىچىك دوختۇرخانا قۇردى. ئەمما دوختۇرخانىلار ئېھتىياجلىق بولغان ئۆلچەمگە ئىگە ئەمەس. ئوپراتىسيە قىلىدىغان دوختۇرلارمۇ يوق دىيەرلىك. دىئابىتقا ئوخشاش بىر قانچە ئېغىر كىسەللىكلەر ئۈچۈن دورىلار يىتەرسىز. ئامېرىكىدىكى ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچى دوختۇرلار  (PHR) ئۇيۇشمىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 5 يىل ئىچىدە ئەڭ ئاز دىگەندە 610 نەپەر سەھىيە خادىمى ۋە دوختۇرلار ئۆلتۈرۈلدى. نۇرغۇنلىغان دوختۇر ۋە خىزمەتچىلەر دۆلەتتىن ئايرىلدى.
سۇرىيە ئۇرۇشىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئۈچۈن ئىستىراتىگىيەلىك نوقتا بولغان ھەلەبتە مەيلى شەرق ياكى غەرب قىسىم بولسۇن ، 5-يىلىغا قەدەم قويغان بۇ ئىچكى ئۇرۇش بارلىق ھايات ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتماقتا.



14-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek