جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇناسىۋىتىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؟

جۇڭگو ۋە ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 6-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 5-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى جۇڭگو ۋە ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو ۋە ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى، جۇڭگو ۋە ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئەمەلىي كۈچەيتىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ.


جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقى ئارقىلىق تەرەققىياتتا ئورتاق غەلبە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ زور مەنپەئەتى بولۇپ، جۇڭگو ۋە ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاشقا پايدىلىق.


20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن ئىلگىرى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىي جەھەتتىن جۇڭگونىڭ قىسمەن ئەرەب ئەللىرىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى بىلەن چەكلەنگەن ئىدى. لېكىن جۇڭگونىڭ شۇ ۋاقىتتا ئەرەب ئەللىرىگە ياردەم بېرىشىنى ئستراتېگىيە نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ دوستلۇقىغا يول ئېلىپ قويغانلىق دېيىشكە بولىدۇ.


ئىسلاھات ئېلىپ بېرىغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىپ، نېفىتقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تېز ئېشىشى بىلەن بىرگە، كاپىتال بويۇملار ۋە يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغانلىقىدىن بولدى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاش خاراكتېرىمۇ كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇنى جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئىمپورت ۋە ئېكسپورتقا ئايلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ كۆپ خىللاشقانلىقىدىن بولدى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.


1978-يىلدىن 2011-يىلغىچە، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرىق ئەللىرىنىڭ ئەشيا سودا قىممىتى 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 274 مىليارد 220 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيتدى، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %19.7كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئوتتۇىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنا-ئېلىكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەرەب ئەللىرىگە بولغان ئېكسپورتىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنىڭ تەخمىنەن %40تىنى ئىگەللەپ، جۇڭگونىڭ ئەرەب ئەللىرىگە قىلغان ئېكسپورتىدىكى مۇھىم بۆلەككە ئايلاندى.


مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئېشىشىمۇ يارقىن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. 1979-يىلدىن 1991-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تاماملىغان تۈرنى ھۆددىگە ئېلىش ئومۇمىي سوممىسى ئاران 4 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، 2010-يىلىلا تاماملىغان تىجارەت سوممىسى 26 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. 2008-يىلى، جۇڭگو ئوتتۇرا شەرىقنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە بېرىش بازىرىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان پارىس قولتۇقى رايونىدا %6.5 بازار ئۆلىشىنى ئىگەللەپ، ئوتتۇرا شەرىقنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە بېرىش بازىرىدا 5-چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. 2011-يىلى، ئوتتۇرا شەرىق رايونى جۇڭگودىكى خەلقئارا بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىش ساھەسىدىكى تىجارەت قىممىتىنىڭ %22تىنى ئىگەللىدى، تىجارەت سوممىسى 22 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.


مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىشىش ساھەسىدە، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرىق ئەللىرىگە بىۋاستە مەبلەغ سېلىش سوممىسى 2003-يىلدىكى 26 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 2011-يىلدىكى 2 مىليارد 719 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. 2011-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ جۇڭگودىكى مەبلەغ سېلىش زاپىسى 13 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ مەبلەغ سېلىش سوممىسى ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. ئەرەب ئەللىرى جۇڭگونىڭ ئەشيا ۋە مۇلازىمىتىنى تېز تەرەققىي قىلىدىغان بازار بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو بولسا ئەرەب ئەللىرىنى كەڭ مەبلەغ سېلىش سورىنى ۋە يېڭى مەبلەغ سېلىش مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى، كەلگۈسىدە يەنە ئەرەب ئەللىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئەمگەك كۆپ تەلەپ قىلىدىغان تېخنىكا بىلەن تەمىنلەپ، شۇ يەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىگە ياردەم بېرىىپ، تېخىمۇ ياخشى رول ئوينىشى مۇمكىن.
بۇندىن باشقا، جۇڭگونىڭ ئەرەب ئەللىرىگە ياردەم بېرىشى كۆپ خىللاشتى. ياردەم قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتنىڭ قەرزىنى بېكار قىلىش، ياردەم قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتنىڭ مەھسۇلاتىدىن باج ئالماي ئىمپورت قىلىش قاتارلىق يېڭى ياردەم بېرىش ئۇسۇللىرىنى قوللاندى، بۇ سۇدان، مىسىر، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردە ياخشى ئىنكاس قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىسمەن پارىس قولتۇقى ئەللىرىمۇ جۇڭگوغا ياردەم بەردى، 2012-يىلىغا كەلگەندە جۇڭگودىكى 35 تەرەققىيات تۈرىگە 889 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئېىتىۋارلىق قەرز بەردى. 2008-يىلى ۋىنچۈەندە قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگوغا 420 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى نەق پۇل ۋە ماددىي بويۇم بېرىپ، جۇڭگوغا ئەڭ كۆپ ئىئانە قىلغان دۆلەتكە ئايلاندى.


جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئىككى تەرەپكە زور مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. ئەرەب ئەللىرى جۇڭگو ئەشيا ۋە مۇلازىمەت ئېكسپورت قىلىدىغان يېڭى بازارغا ئايلاندى، ئوتتۇرا شەرقمۇ جۇڭگو نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان ئاساسلىق مەنبەگە ئايلاندى. جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە بىۋاستە مەبلەغ سېلىشى جۇڭگو كارخانلىرىغا چەتئەللەردە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپلا قالماي يەنە مەبلەغ سېلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى ئىشلىتىشى، ئىش ئورنى يارىتىشى، باج كىرىمىنى ئاشۇرۇشى، ئېكسپورتنى كېڭەيتىشى، تېخنىكا ئىمپورت قىلىشىغا تۆھپە قوشتى. جۇڭگونىڭ بىۋاستە مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرى كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، كارخانا تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، تيەنجىن تەيدا گۇرۇھى مىسىردا سۇۋەيىش ئىقتىساد سودا مەھكارلىق رايونى بەرپا قىلىپ، مىسىرنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى.


ئەلۋەتتە، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقىمۇ بىر قىسىم خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا مەنپەئىتىنى ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ياردەم قىلىش بىلەن ياردەم قوبۇل قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى جانلىق ھەل قىلىش جۇڭگونىڭ ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق.



خەتكۈچلەر:
03-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇچە رادىيو تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
07-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ھىندىستان ناۋسارى، بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقاندا دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ۋەقەدە ئاز دېگەندىمۇ 36 ئادەم قازا قىلدى.
07-02-2016
        رۇسىيە سۈنئىي ھەمرا تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رېيتر ئاگېنتلىقى ئىران دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىدىكى كۆپلىگەن ئۇچۇر مەنبەسىنى نەقىل قىلىشىچە، ئىران دائىرلىرى ياۋرو بىلەن نېفىت توختامى سوممىسىنى ھېسابات قىلىپ،...
07-02-2016
     لىۋان مەيدان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 6-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» كونتروللىقىدىكى سۇرىيە بىلەن تۈركىيە چېگرا لىنىيەسى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇقراق قىسقارغان.    ...
Powered by Leglek