لەگلەك تورى خەۋىرى: ئىران مۇسۇلمان دۆلەت بولۇپ، ئىران قانۇنىدا بىر ئەر تۆت خوتۇن ئالسا بولىدۇ. بىراق چەت رايۇنلاردا بىر ئەرنىڭ ئون نەچچە خوتۇن ئېلىشى ئادەتتىكى بىر ئىش. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىرانلىقلارنىڭ يەنە بىرخىل نىكاھ كېلىشىمى ئەندىزىسى بار. ئۇ بولسىمۇ قانۇنلۇق بىللە تۇرۇش. بۇنىڭدا ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئادۋۇكات تىپىپ نىكاھ كېلشىمى ئىمزالايدۇ. كېلشىمنىڭ مۇددىتى يوق، ھەتتا سوتقا بېرىش كەتمەيدۇ. بىر تەرەپ ھەر قانداق ۋاقىتتا كېلشىمنى (توختام) نى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ. بۇ قارىماققا ئادىل بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى كېلشىمگە ئىمزا قويغان ئاياللارنىڭ يەنە ياتلىق بولىشى ئاساسەن مومكىن ئەمەس. يىقىنقى يىللاردىن بويان، ئىراننىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئەر-ئاياللارنىڭ ئاجرىششى ۋە ياشلارنىڭ توي قىلىشىنىڭ قىيىنلىشىپ كىتىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن، كېلشىملىك نىكاھ ئېشىپ بارماقتا.
توختاملىق نىكاھنىڭ رەسمىيەتلىرى ناھايىتى ئاسان. ئۆي جاھازلىرى سودىگىرى كارىم ئەپەندى بىلەن مەريەم خانىم كوچىدا قول تۇتۇشۇپ ، يىقىنچىلىق قىلىشىپ كىتىپ باراتتى. ئۇلارغا قارىماققا ئامراق ئەر-خوتۇنلاردەك كۆرۈنەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ توختاملىق نىكاھلانغۇچىلار. ئۇلاردا بۇ توختام بولسىلا مۇھەببەتلىشىپ، قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشەلەيدۇ. ئىراندا ئەگەر ئۇلار ئەر-خوتۇن ئەمەس، ھەم نىكاھ توختامى بولمىسا، ئەر -ئايال كوچىدا قول تۇتۇشۇپ ماڭسا قولغا ئىلىنىدۇ ياكى قامچىلىنىدۇ. ئەگەر ئەر-ئايال زىنا قىلسا تاش ئېتىپ ئۆلتۈرلىدۇ.
ئىراندا توي قىلمىغان قىزلارغا بولغان باشقۇرۇش ناھايىتى قاتتىق. ئاتا-ئانسى ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرۇدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشقا بېرىشىغا، ئوغۇللار بىلەن قول تۇتۇشىغا يول قۇيۇلمايدۇ. ئاتا-ئانسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئوغۇل دوست تۇتۇشقا بولمايدۇ. مەكتەپتە ئەر ئوقۇتقۇچىلار 10 ياشتىن يوقىرى قىزلارنى ئوقۇتۇشقا بولمايدۇ. ئايال ئوقۇتقۇچىلارمۇ 10 ياشتىن يوقىرى ئوغۇللارنى ئوقۇتۇشقا بولمايدۇ. دوختۇرخانىغا ئەر-ئاياللار ئايرىم ئىشىكتىن كىرىدۇ.
ئىراندىكى مەلۇم داڭلىق ئاياللارژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى توختاملىق نىكاھنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى تىلغا ئالغاندا مۇنداق دېگەن:« 1. ئەر-ئاياللارنىڭ مۇناسىۋىتى تېخمۇ ئوچۇق بولىدۇ. 2. ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسى تەلپى قانۇنلۇق ھەل قىلىنىدۇ. 3. ياشلارنىڭ زىھنىنى چىچىپ، ئۇلارنىڭ كوچىدا ئىش چىقىرىشنى ئازايتىقىلى بولىدۇ. 4. كىشلەرنىڭ قىزلىق ئىپپەتكە بولغان بىر تەرەپلىمىلىك قارىشىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.».
ئىراندىكى بەزى كىشلەر نىكاھ توختامىنىڭ ئىسلام قانۇنىدا بەلگىلەنگەن نىزاملىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىىتىپ قاتتىق ئەيىپلىدى. بەزى ئەرلەر نىكاھ توختامىدىن پايدىلنىپ نۇرغۇن خوتۇن ئالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved