جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 22-مارت بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىغا يېقىن جايدىكى مېترو بېكىتىدە پارتلاش يۈز بەرگەن، پارتلاشتا بىر قانچە ئادەم يارىلانغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، پارتلاش يۈز بەرگەن مېترو بېكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىغا يېقىن ئىكەن. بېلگىيە قاتناش ئىدارىسى پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن بىريۇسسېلدىكى بارلىق مېترو بېكەتلىرىنى تاقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مېترو بېكىتىدە پارتلاش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا، بىريۇسسېلدىكى ئايرودرومدا ئىككى قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايرودرومدىكى پارتلاشتا 10 ئادەم قازا قىلغان، 30 نەچچە ئادەم يارىلانغان. نۆۋەتتە بىلگىيە دائىرىلىرى بىريۇسسېلنىڭ بىخەتەرلىك سىگنالىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved