ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئىقتىسادىي جازانى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىشىغا ئاز قالدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 14– يانۋار مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى، پەقەت خەلقئارالىق ئاتوم ئېنىرگىيەسى ئورگىنى ئىراننى «ئىران ياردو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمى» نى ئادا قىلدى دەپ قارىسىلا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا قاراتقان ئىقتىسادىي جازانى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىدۇ.
بۇلتۇر 7– ئاينىڭ 14– كۈنى، ئىران يادرو مەسىلىسىگە دائىر ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق سۆھبەت ئاۋسترىيەنىڭ پايتەىتى ۋېينادا تارىخى خاراكتىرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇندىن كېيىن، ئىرانغا قارىتىلغان بىر قىسىم ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇردى، ئۈنۈملۈك ۋاقتى بۇ يىل 1– ئاينىڭ 14– كۈنىگە قەدەر.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈنۈملۈك مۇددەت توشقان ھامان ئىككى ھەپتە «داۋاملىق كېلىشىم تۈزۈش» نى تاللاپ، ئىرانغا قارىتىلغان بىر قىسىم ئىقتىسادى جازا تەدبىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋاقتىنى 1– ئاينىڭ 28– كۈنىگە سۈردى. بۇ ئارىلىقتا تاراتقۇلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇشۇ ۋاقىتتىن بۇرۇن ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادى جازانى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئىرانغا قاراتقان ئىقتىسادىي جازانى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىشقا دائىر ھۆججەتلەرنى تەييارلاپ بولغان. نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممە تەييارلىق پۈتتى. ھازىر پەقەتلا ئىران ياردو مەسىلىسى كېلىشىمىنى ئادا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى قارارنى دەلىللەشلا قالدى».
ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىران ئاراك ئېغىر سۇ يادرو رېئاكسىيە قازىنىنىڭ يادروسىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەن، ھەمدە بىر قىسىم يادرولۇق جايلارنى سېمونت بىلەن پېچەتلىگەن، بۇ ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدە ناھايىتى مۇھىم بىر باسقۇچ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىلى قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى موگارىنى يېقىندا مۇنداق دېگەن، ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىكى ئاتالمىش «ئىجرا قىلىنىدىغان كۈن» ناھايىتى تېزلا يېتىپ كېلىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved