شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم قىلىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 10- فىۋرالدىن 11- فىۋرالغىچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئاچتى. سىتولتىنبېرىگ بۇ يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ياۋروپا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر مۇساپىرلار كرىزىسىغا دۇچ كەلدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيە، گرېتسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم قىلىشقا قوشۇلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئېگىي دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ، ئەتكەسچىلىك ۋە قانۇنسىز نوپۇس يۆتكەيدىغان خەلقئارالىق ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىشلار ئورگىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى بېكىتىپ چىقىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved