دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 18-ئىيۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 5-ئايدا 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەر باھاسىنىڭ سېلىشتۇرما ئۇنىۋېرسال ئوتتۇرىچە ئۆرلەش كۆلىمى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.7 پوئېنت يۇقىرى بولغان، نىمكەش ئۆيلەرنىڭ ئۆرلەش كۆلىمى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان، 1-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن.
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى ليۇ جيەنۋېي مۇنداق دېدى: 5-ئايدىكى ئۆي سودىسىدا يىل ئىچىدىكى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئۆي باھاسىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسلىقى 1-سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئۆرلەش كۆلىمىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەب بولدى، شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئېغىرلاشتى. ئىگىلىنىشىچە، 5-ئايدا، 2-سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان؛ 3-سەپتىكى نۇرغۇن شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسى يەنىلا چۈشكەن. لېكىن سېلىشتۇرما ئۆرلەشكە ئەگىشىپ، قىسمەن شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشى سەل ئاستىلىغان.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved