چاۋشىيەن ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ مەھبۇسلارنى خورلاش ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقىنى ئەيىبلىدى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئەمگەك گېزىتىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ،چاۋشىيەن دىپلوماتىيە ۋازارىتىنڭ باياناتچىسى ياۋروپادىكى قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەھبۇسلارنى خورلاش ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقىنى ئەيىبلىگەن .


چاۋشىيەن دىپلوماتىيە ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : ماتىرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە ،ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى 21 دۆلەت ئىلگىرى ئامېرىكا ئاخبارات مەركىزى ئىدارىسىنى مەخپى تۈرمە ۋە سوراق قىلىش بازىسى بىلەن تەمىنلەپ ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ھەرىكىتىگە پائال ھەمكارلاشقان .بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي تۈۋرۈكلىرىنىڭ جەۋھىرى بولغان .ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش شوئارىنىڭ ياۋروپانى ساختا سىياسىپەرەسلىكىنى يوشۇرىدىغان نىقابى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ .


باياناتچى مۇنداق دېدى :.ئون نەچچە يىل بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى چاۋشيەننىڭ ئىنسانىي ھوقۇق سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئىدى ،يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى گەرچە چاۋشيەننىڭ خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇق ھەمكارلىقىدىكى ئىرادىسىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا تەسلىم بۇلۇپ ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا چاۋشىيەنگە قارشى ئىنسانىي ھوقۇق قارار لايىھىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ماقۇللىدى ،ئەگەر ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىنسانىي ھوقۇققا ھەقىقىي كۈچ چىقارماقچى بولسا دۇرۇس ھەرىكەت قىلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا سورۇنلاردا ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ئىشلىرىدىكى جىنايىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك .


9-دېكابىر ئامېرىكا پارلامىنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاخبارات كومىتېتى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سوراق داۋامىدا مەھبۇسلارنى خورلىغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغان .ئامېرىكىنىڭ مەھبۇسلارنى خورلاش ۋەقەسى يەنە بىر قېتشىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 9 – دېكابىر تېلېگراممىسى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى 9 – دېكابىر ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سوراق قىلغاندا مەھبۇسلارنى رەھىمسىزلەرچە جازالىغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ كىچىك بۇش ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە، بولۇپمۇ ‹‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى›› مەزگىلىدە مەھبۇسلارنى رەھىمسىزلەرچە جازالىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ئاشكارىلاندى.


480 بەتلىك بۇ دوكلاتنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنمىغان 6200 بەتلىك مۇناسىۋەتلىك دوكلاتتىن تاللاپ ئالغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئاخباراتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، قولغا چۈشۈرۈلگەن تېررورلۇق ۋە رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى، دەپ گۇمان قىلىنغانلارنى رەھىمسىزلەرچە جازالىغان. بۇ، ئۇخلاتماسلىق، كىچىك ھەم تار گۇندىخانىغا قاماپ قويۇش، جىسمانىي جەھەتتىن ھاقارەتلەش ۋە سۇ جازاسى بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.دوكلاتتا بۇرۇن ئاشكارىلانمىغان رەھىمسىزلەرچە جازالاش تەپسىلاتلىرىمۇ ئاشكارىلانغان، دوكلاتتا يەنە: ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى رەھىمسىزلەرچە جازالاش بىلەنمۇ ئالاھىدە مۇھىم ئاخباراتقا ئېرىشەلمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بۇ مەخپىي تەدبىرىنى يوشۇرۇپ، ئاقساراي، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە پارلامېنتنى ئۇزاققىچە ‹‹سىستېمىلىق›› ئالدىغان، دەپ كۆرسىتىلدى.

 

ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسىيونلار ھازىرقى باسقۇچتا بۇ دوكلات ئېلان قىلىنسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قاراپ، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تېررورچى، دەپ گۇمان قىلىنغانلارنى رەھىمسىزلەرچە جازالىغانلىقى توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنىڭ مەھبۇسلارنىڭ جازالانغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتنى كېچىكتۈرۈپ ئېلان قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، ئاقساراي دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى قوللىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ: مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاتالمىش ‹‹سوراق قىلىش تېخنىكىسىنى كۈچەيتىش›› ئارقىلىق مەھبۇسلارنى قىينىغانلىقى ‹‹كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ›› دېدى.


ئوباما: بۇنداق قاتتىق سوراق قىلىش ئۇسۇلى ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئىناۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ ھەم ئامېرىكىنىڭ جامائەت مەنپەئىتى جەھەتتە ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە پايدىسىز، دېدى.
مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى برېننېن ئەيىبلەشكە قارىتا ئاخباراتقا ئېرىشىش جەريانىدا سەۋەنلىك كۆرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزاسى، دەپ گۇمان قىلغانلارنى سوراق قىلىشتا ئاقساراي، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە پارلامېنتنى ئالدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.


ئاقساراي باياناتچىسى ئېرنېست 8 – دېكابىر مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەسلىھەلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغاچقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەھبۇسلارنى خورلىغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلات كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەھدىتكە تاقابىل تۇرىدىغان تەدبىر قوللاندى ھەم ھەر قايسى جايلاردىكى ئەسلىھەلەرگە قارىتا مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشقا كاپالەتلىك قىلدى. ئاقساراي بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى قوللىدى، مەھبۇسلارنى خورلاش ۋەقەسى قايتا يۈز بەرمەسلىكى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ھەپتىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قوماندانلىرىغا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، بىخەتەرلىك ۋە ئارمىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىش ھوقۇقى بەردى.


ئامېرىكا 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىر ‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭ بۇش ‹‹تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش››نى قوزغىدى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئاخباراتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، تۇتۇلغان تېررورلۇق ۋە رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى، دەپ گۇمان قىلغانلارنى رەھىمسىزلەرچە جازالىغان. بۇ، ئۇخلاتماسلىق، كىچىك ھەم تار گۇندىخانىغا قاماپ قويۇش ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ھاقارەتلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە سېسىق نامى پۇر كەتكىنى ‹‹سۇ جازاسى›› بولۇپ، بۇ جازادا جازالانغۇچىلارنىڭ يۈزىگە لۆڭگە يېپىلىپ، ئۈستىگە قايتا – قايتا سۇ قۇيۇلىدىكەن، جازالانغۇچى نەپەس ئالالماي قاتتىق قىينىلىدىكەن.

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :leglek



خەتكۈچلەر:
21-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek