ئىران مېدىيەلىرىنىڭ 6-فېۋرالدىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپا تەرجىمىسى:
سۇرىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ھافىز ئەسەدنىڭ ئايالى، سۇرىيەنىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتى بەشارنىڭ ئانىسى ئانىسا ئەھمەد مەخلوف كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 2-ئاينىڭ 6-كۈنى پايتەخت دەمەشىقتىكى دوختۇرخانىدا 86 يېشىدائالەمدىن ئۆتكەن.
ئانىسا سۇرىيەنىڭ غەربىدىكى لاتاكىيا شەھىرىدە تۇغۇلغان ھەمدە سابىق پرېزىدېنت ھافىز ئەسەد بىلەن 1957-يىلى توي قىلغان.
سۇرىيە پرېزىدېنت ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بەشار ئەسەدنىڭ ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى دەلىللىگەن.
بەشار مەخلوفنىڭ بەش بالىسىدىكى ئۈچىنچى بالىسى، يەنە بۇشرا، باسىل، مەجىد ۋە ماھىرلار بار.
ئانىسا مەخلوف (ئوتتۇرىدا) سۇرىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ھافىز ئەسەدنىڭ ئايالى، بۇ سۈرەت 1970-يىلى تارتىلغان ئەسەد ئائىلىسى (سولدىن ئوڭغا: بەشار، ماھىر، مەجىد، بۇشرا ۋە باسسېل)
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved