چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران زۇڭتۇڭى رۇھانى 27- يانۋار مۇنلارنى بىلدۈرگەن: ناۋادا ئىراننىڭ ياردىمى بولمىسا، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئامېرىكا ئىرانغا دۈشمەنلىشىش نەزىرىدە مۇئامىلە قىلىش مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.
رۇھانى ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا يەنە سەئۇدى ئەرەبسىتاننى ئەيىبلەپ: سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ قوشنا دۆلەت يەمەندىكى ھەربىي ھەرىكىتى مەغلۇب بولىدۇ، دېگەن. ئىگىلىنشىچە، رۇھانى ھازىر ئىتالىيە ۋە فرانسىيەدىكى تۆت كۈنلۈك زىيارەتىنى داۋاملاشتۇرۇۋتىپتۇ. ياۋروپا كارخانىلىرى ئىران بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە، ئامېرىكا يەنىلا ئىرانغا قاراتقان بىر قىسىم جازالاش تەدبىرلىرىنى ساقلاپ قالدى ۋە ئىراننىڭ ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
رۇھانى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا يەنە مۇنداق دېگەن: ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشى تامامەن مۇمكىن، ئەمما بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئامېرىكىدا. ئۇ يەنە ئامېرىكىلىق سودىگەرلەرنىڭ ئىرانغا كېلىپ سودا قىلغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئىران تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلدى دېگەن ئەيىبلەشلەرگە رەددىيە بېرىپ: ئىران تېررورىزىمغا قارشى تۇرىدىغان، تېررورىزىمغا زەربە بېرىدىغان دۆلەت، بۇنىسى ناھايىتى ئېنىق. ئامېرىكىغا شۇنىسى ئېنىقكى، ناۋادا ئىراننىڭ تەسىر كۈچى ياكى ئېنىق پۇزىتسىيىسى بولمىسا، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved