سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى يېڭىشتىكى ئەڭ يېڭى ئۇسۇل

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 15-مارت خەۋىرى (ئوكيان تورىدىن تۇرسۇنجان تەرجىمسى)

يەمەندە ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى يەنىلا كىشىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشى ئۈچۈن كېتىدىغان ئىچىملىك سۈيىنى تېپىشىمۇ بىر مەسىلە بولۇپ، كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ بۇ يەرنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارىنى ئازايتىۋەتكەن. بىراق يېقىندا ب د ت يېڭىچە بىر تۈرگە ياردەم بەردى، بۇ دەل مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى قاپلىغان تۇماندىن پايدىلىنىپ تۇماننى كوندېنساتسىيىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق سۇ يىغىۋېلىشتۇر. بۇ ئۇسۇل بارلىققا كەلگەندىن كېيىن كىشىلەر شادلىققا تولدى.

يەمەندە دائىم دېگۈدەك تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، كۈندە چۈشتىن كېيىندىن باشلاپلا ھەممە يەرنى تۇمان قاپلايدىغان بولۇپ، بۇ ھالەت تاكى ئەتىسى سەھەرگىچە داۋاملىشىدۇ. شۇ يەرلىك قەھۋە تېرىغۇچى دېھقانلار دائىم تاشلارنىڭ ياردىمىدە تۇماننى ئۈنۈملۈك ھالدا سۇ تامچىسىغا ئايلاندۇرۇپ تېرىلغۇنى سۇغۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، شۇ يەرلىك خەلق 6 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئالاھىدە ياسالغان تور ئارقىلىق تۇماننى سۇ تامچىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا. ئىگىلىنىلىشىچە، بىر تال مۇشۇنىڭغا ئوخشاش توردىن يىغىۋېلىنغان سۇ 7 ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.

بۇ خىل ئۇسۇلنى پۈتۈنلەي يېڭىلىق دېيىشكىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى چىلىي،ماراكەش،گۋاتېمالا، ھايتى قاتارلىق جايلاردا بۇخىل ئۇسۇل خېلى بۇرۇنلا سىناق قىلىنغان بولۇپ، 2003-يىلىدىن باشلاپلا يەمەن بۇ تۈرنى سىناق قىلىشقا باشلىغان. بىراق شۇنچە يىل ئۆتۈپ تا بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ خىل ئۇسۇل رەسمىي تۈردە مەبلەغ سېلىنىلىدىغان ۋە تەرەقىي قىلدۇرىلىدىغان تۈر قاتارىغا كىرگەن.

نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈر لاھىيەگە مەسئۇل ئورگىنى ۋە يەمەن دۆلەتلىك فوندى جەمئىيىتى بۇ تۈرنى كېڭەيتمەكچى بولىۋېتىپتۇ.




خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek