سىكولارى: خېڭدا مادرىدقا ئوخشاش 4-0 ئۇتتۇرۇپ يۈز تۆكمىدى

     دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىدا، بارسېلونا خېڭدانى 3-0 نەتىجىدە مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچقا كىردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن قارىغاندا، بۇ نەتىجە ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. گەرچە مېسسى ۋە نېيمار قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئەمما بارسېلونا خېڭدانى بېسىش خاراكتىرلىك ئۈستۈنلىكىنى كۆرسەتتى. ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ئاس گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خېڭدا ترېنېرى سىكولارى مۇسابىقىدىن كېيىن زىيارەت قوبۇل قىلغاندا: بارسېلوناغا 3-0 ئۇتتۇرۇش ھېچقانداق يۈز تۆكۈلگىدەك ئىش ئەمەس دېدى، ئۇ يەنە ئىلگىرى 4-0 نەتىجىدە بارسېلوناغا ئۇتتۇرغان مادرىدنى مازاق قىلىشنى ئۇنتۇلۇپ قالمىدى.

سىكولارى:«بىز 0-3 نەتىجىدە ئۇتتۇردۇق، ئەمما بۇ باشقا زەردارلارنىڭ بارسېلوناغا ئۇتتۇرىشىغا ئوخشىمايدۇ. بىز مادرىدقا ئوخشاش ئۇنداق 4-0 نەتىجىدە بارسېلوناغا ئۇتتۇرمىدۇق» دېدى.

     مېسسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشمىغانلىقى توغرىسىدا، سىكولارى:«مەن ئازراق ئەپسۇسلاندىم. ئەمما رىقابەت سەۋىيەسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، بۇنىڭ مۇسابىقىگە تەسىرى چوڭ ئەمەس، مەن ئىلگىرى ئېيىتقان، ناۋادا مېسسى، نېيمارنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا مۇسابىقە قاتناشماسلىق تەسىرىنى يېڭەلەيدىغان بىر كوماندىنى ئىزدىسەك، ئۇ پەقەتلا بارسېلونا. پەقەت بارسېلونالا مۇشۇنداق قىلالايدۇ، چۈنكى ئۇلاردا 24،25 نەپەر ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەلىك توپچى بار.» دېدى.

    ئۇتتۇرغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن-ئۈمىدسىزلەنمىگەنلىكى توغرىسىدا سورالغاندا، سىكولارى بارسېلوناغا ئۇتتۇرۇش ھېچقانداق يۈز تۆكۈلگىدەك ئىش ئەمەس دەپ ئىپادە بىلدۈردى، ئۇ:«ياق، مەن ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلمىدىم. بىز 0-3 نەتىجىدە بارسېلوناغا ئۇتتۇردۇق، بۇنداق ئىش باشقا زەردار كوماندىلاردا ئىنتايىن كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن. مەن ئۆزۈمنىڭ توپچىلىرىدىن پەخىرلىنىمەن، مەن پەقەت تەبىرىكلەيدىغانلىقىمنىلا بىلدۈرىمەن. توپچىلار ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە ئوينىدى، ئۇلار ھەركۈنى ئىلگىرلەۋاتىدۇ. مەن 0-3 نەتىجىدە مەغلۇپ بولۇشنى يەنىلا بىر خىل شەرەپ ھېس قىلىمەن، چۈنكى بىز بىر ئۇلۇغ كوماندىغا ئۇتتۇردۇق.» دېدى.

سىكولارى يەنە داۋاملىق:«بىزنىڭ مۇسابىقىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىمىز بولمىدى، بارسېلونا مۇسابىقىنىڭ رىتىمىنى كونترول قىلىدىغان توپچىلارغا ئىگە، بىز بۈگۈن ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق.» دېدى.



خەتكۈچلەر:
18-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     4-ئاينىڭ 25-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ ناھىيەسى دالۈجۇاڭ كەنتى، شۇ كۈنى بۇ جايدىكى ئەنئەنىۋى بۇتخانا سەيلىسىدە قوشقار سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. قوشقار سوقۇشتۇرۇش نەق مەيدانى ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، مۇسا...
27-04-2016
   ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى چېلسى كوماندىسدا توپ تېپىدىغان كولومبىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى فالكاۋ بۇ پەسىل كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدە پەقەت بىر توپ كىرگۈزدى. «كۈندىلىك پوچ...
27-04-2016
    ئارگېنتىنالىق پۇتبول شاھى مارادونا تۆنۈگۈن ئىتالىيە تېلىۋېزىيە ئىستانىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، ئۇنىڭ قارىشىدا، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ناپولى كۇلۇبى بۇ يىل يازدا ئارگېنتىنالىق داڭلىق ھۇجۇمچى ھىگۇايىننى سېتىۋېتىدىك...
27-04-2016
    باش تىرېنېر جەن شۇپىڭغا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە 8–مارت قىزىلبايراقدارى››دەپ نام بېرىلدى  .  جىڭ بو، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىش پائال...
27-04-2016
    2016-يىلى 27-ئاپرېل، 2016-يىللىق رىئودى–ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 100 كۈنلۈك تەتۈر ساناقنى كۈتۈۋالدى، بۇ رىئودې ژانېيرو ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 25-ئاپرېل تارتقان بىر گۇرۇپپا سۈرەت بولۇپ، ئولىمپىك شەھىرىنىڭ قىي...
27-04-2016
     2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلىقى 4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى ئىككىنچى ئۇچرىشىشىدا بارسېلونا كوماندىسى 0-2 نەتىجىدە مادرىد ئاتلېتىكىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئومۇمىي نەتىجىدە 2-3 نەتىجىدە شاللىنىپ كەتكەن.   &n...
27-04-2016
    پۇتبول يۆتكىلىش مۇتەخەسىسى دىمازىيونىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تاغىل ئات قوشۇنى يۇۋېنتۇس 20 مىليون ياۋرو چقىرىپ، خانلىق مادرىدنىڭ موراتانى ئالدىن سېتىۋېلىش شەرتىنى بىكار قىلىپ، موراتانىڭ قايتۇرۇپ سېتىۋىلىش ...
27-04-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى گىرېتسىيە ئافېنادىكى ئېلېئوناس مۇساپىرلار لاگېرىغا يەتكۈزۈلدى، سۈرىيەلىك مۇساپىر ئىبراھىم ئەل ھۈسەيىن مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتناشتى. 27 ياش...
27-04-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى گىرېتسىيە ئافېنادىكى ئېلېئوناس مۇساپىرلار لاگېرىغا يەتكۈزۈلدى، سۈرىيەلىك مۇساپىر ئىبراھىم ئەل ھۈسەيىن مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتناشتى. 27 ياش...
27-04-2016
    4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 00:45 دە، 2015-2016-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە مانچىستىر شەھىرى كوماندىسى بىلەن خان مادرىت ئوتتۇرىسى...
Powered by Leglek