رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا تەتقىقاتخانىسى-رۇسىيە ۋە پۈتكۈل ياۋروپا رايونىدىكى ياۋروپا مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن تەتقىقات مەركىزى، ئۇنىڭ ئاساسلىقى ۋەزىپىسى-ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە پۈتكۈل رايوننىڭ سىياسىي، جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتى ۋە بۈگۈنكى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى مەسىلىلەرنى ئاساسلىق ۋە ئەمەلىي تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت. رۇسىيە جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەسى بۇ تەتقىقاتخانىنىڭ پەن تەتقىقات خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار تەتقىقات ئورگانلىرىمۇ بۇ تەتقىقاتخانىنىڭ خىزمىتىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدۇ.
بۇ تەتقىقاتخانىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى، دوكتور ئالىكىس گىرومىك يېقىندا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: گەرچە مەن جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسىسسى بولمىساممۇ، لېكىن مەن شۇغۇللىنىدىغان ياۋروپا مەسىلىسى تەتقىقاتىدا جۇڭگونىڭ تەسىر كۈچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھېچكىممۇ جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئويناۋاتقان مۇھىم رولى ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم رولىغا سەل قارىمايدۇ. «نۇر گېزىتى» مەن بۇ تەتقىقاتخانىنىڭ باشلىقى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان جۇڭگو تاراتقۇسى، مەن مەزكۇر گېزىت ئارقىلىق، جۇڭگولۇق ئوقۇرمەنلەر بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ياۋروپا بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
گىرومىك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى 15 يىل ئىچىدە، ياۋروپا خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە نۇرغۇن مۇقىمسىز ئامىللار پەيدا بولدى. دەسلىپىدە ياۋروپانىڭ ئەتراپىدىكى ۋەزىيەت داۋالغۇپ تىنچىمىدى، يېقىندىن بۇيانقى مۇقىمسىز ئامىللار ياۋروپانىڭ ئىچىدە پەيدا بولدى. جەنۇبىي ياۋروپادىكى بالقان توقۇنۇشىدىن تاشقى كاۋكازدىكى قاراباغ زېمىن ماجىراسىغىچە، گىرۇزىيەدىكى رەڭلىك ئىنقىلابتىن ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشىغىچە ياۋروپانىڭ ئەتراپى تىنچسىز بولۇپ كەلدى. مىسىر، لىۋىيە، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە قاتتىق داۋالغۇش ۋە ئېغىر توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياۋروپانىڭ مەركىزىدە ئاخىرى قويۇق ئۇرۇش ئوتى كۆتۈرۈلدى.
بۇ يىل 2-ئايدىن ھازىرغىچە داۋاملاشقان ئۇكرائىنا كىرىزىسى پۈتكۈل ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ياۋروپا نۇرغۇن توقۇنۇشلار تەرىپىدىن قورشىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن باشلاپ، ئىچكى قىسمىدىمۇ بىر يۈرۈش مۇقىمسىز ئامىللار پەيدا بولدى. ئالدى بىلەن پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەردى، ئارقىدىن ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە ئىجتىمائىي سىياسىي كىرىزىس ياۋروپانىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كەلدى. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى 15 يىلدىن بۇيان بارغانسېرى مۇقىمسىزلىشىپ، بارغانسېرى خەتەر ئېغىرلاپ كەتتى.
گىرومىك مۇنداق دەپ قارىدى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئۇرۇشى بۇ يىل 4-ئايدا باشلاندى، گەرچە يېقىندا مىنىسكى سۆھبىتى ئارقىلىق، ئۇرۇش توختىتىغان بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە ھەربىي توقۇنۇش رايونلىرىدا ھەر كۈنى ئوق ئاۋازى بېسىقمىدى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىنتايىن ئاجىز. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ئۇكرائىنا ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بار، ئىچكى ئۇرۇش ئۇكرائىنا زېمىنىدىن سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىش-داۋاملاشماسلىقى، ئۇرۇش ئوتىنىڭ كېڭىيىش-كېڭەيمەسلىكىدە ھازىر كىيىۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي ئارزۇسىغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن كىيىۋ ھاكىمىيىتى بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقى ھەم ئىستىھامكاملارنى داۋاملىق ياساپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە تەييارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گىرومىك مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىقى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. ياۋروپانىڭ مەنزىلى زادى قەيەردە؟ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى دۇنيانى ئارامىدا قويمىدى. ياۋروپانىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى قارىشىدا كەسكىن ئۆزگىرىش بولماقتا، يېڭى ناتسىسىزم باش كۆتۈرمەكتە، ئوڭقانات كۈچلەر جىممىدە سىياسىي سەھنىگە چىقماقتا، فاشىزممۇ مەۋجۇتلۇق ماكانى ئىزدىمەكتە. غەرب سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى ماكاندا داۋاملىق رايون سىياسىي ئويۇنى ئويناپ، كەسكىن ھەم خەتەرلىك بولغان رېئاللىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالماقتا. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خاتا يېتەكلىگەنلىكتىن، ئۇكرائىنا ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قالدى ھەم پۈتكۈل ياۋروپانى ئۇرۇش ئوتىغا سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن. ئۇكرائىنا كىرىزىسى ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ياۋروپانىڭ ئىچكى ئىختىلاپىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتكۈل ياۋروپانى ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىگە تاشلاپ قويۇشى مۇمكىن.
گىرومىك مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ھىدى ياۋروپاغا تارقالماقتا، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە قايتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئۆتمۈشكە ئايلاندى، لېكىن غەرب بولسا رايون سىياسىي قارشىلىقى پەيدا قىلىپ، رۇسىيەنى رايون رىقابىتىگە قىستىماقتا. رۇسىيە ياۋروپانىڭ بىخەتەر، مۇقىم ۋەزىيەتنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. رۇسىيەنىڭ غەرب بىلەن قارشىلاشقۇسى يوق، يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ھاجىتىمۇ يوق، رۇسىيە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۆز بېشىغا تاڭىدىغان تۈرلۈك يۈكلىرىنى كۆتۈرۈشنى خالىمايدۇ.
رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي ۋەزىپىسى-ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش. بۇنىڭ ئۈچۈن، رۇسىيە مۇقىم ئەتراپ ۋە خەلقئارا مۇھىتقا، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا، دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن نورمال دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا موھتاج. ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رۇسىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى ماكانىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىكى يادرولۇق رولىنى پۇختىلاپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved