ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 2-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ساھەسىدىكى ئىككى چوڭ ماگنات «سامسۇڭ» ۋە «ئالما»نىڭ ئامېرىكىدىكى 2-نۆۋەتلىك پاتېنت ھوقۇقى كۈرىشى دەسلەپكى قەدەمدە ئاياغلاشقان . ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى فېدېراتسىيە سوتىنىڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى 2-ماي بۇنىڭغا كېسىم چىقىرىپ : « ‹سامسۇڭ›نىڭ مەھسۇلاتلىرى ‹ئالما›نىڭ ئىككى خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون پاتېنتىغا دەخلى-تەررۇز قىلدى، شۇڭا ‹سامسۇڭ› ‹ئالما›غا 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 750 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) تۆلەم بەرسۇن» دەپ ھۆكۈم قىلغان.
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىىسم «ئالما» مەھسۇلاتلىرى «سامسۇڭ»نىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەررۇز قىلغان بولۇپ، «ئالما»مۇ «سامسۇڭ»غا 158 مىڭ 400 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 990 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) تۆلەم بېرىشكە بۇيرۇلغان .
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved