ئۇرۇشتا يولدىشىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاففانىستانلىق ئايال
2001-يىلدىن بۇيان، فوتوگراف پائۇلا برونستېن ئاففانسىتانغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بىر سۈرەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا تەشەببۇس قىلغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھەربىي ھەرىكەتنى خاتىرىلەپ بەرگەن.
بۇ بازا تەشكىلاتى بىلەن تالىبانلارنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر مەيدان ئۇرۇش بولۇپ، گەرچە ئۇرۇش ئەسلىدىنلا قالايمىقان بولسىمۇ، بىراق برونستېننى شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتى ۋە مەنزىرىسى چوڭقۇر جەلپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 14 يىلدا، ئۇ ئاففانىستانغا دائىملا بېرىپ-كېلىپ، شۇ تۇپراقتىكى ۋە شۇ يەردىكى كىشىلەر دۇچ كەلگەن مۇرەككەپلىكنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلدى.
بىبى كۇبرا 3 ياشلىق ئوغلى مىرۋائىسنى بەزلەۋاتىدۇ. بىر مەيدان بوران-چاپقۇن ناساجى مۇساپىرلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلىپ، شۇ جايدىكى كىشىلەرنى بۇ لاگېردىن تارقىلىشقا مەجبۇر قىلدى.
نۇرغۇن فوتوگرافلار پەقەت ئالدىنقى سەپ توقۇنۇشىغا قىزىقىدۇ، بىراق برونستېن تىنچ ھېكايىلەرنى ئىزدەپ، ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ پەيدا قىلىدىغان تەسىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى ياقتۇرىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇ نەزىرىنى 2 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئۇرۇشتا يولدىشىدىن ئايرىلىپ تۇل قالغان ئاياللارغا ئاغدۇردى، ئۇرۇش جاراھەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە ئۇلارنىڭ ئىزى بار. برونستېن مۇنداق دېدى:«30 يىللىق توقۇنۇش نۇرغۇن ئاياللارنىڭ تۇل قېلىشىغا سەۋەب بولدى، ئۇلار ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن قالغان مەسىلە».
راچىيا بۇ يىل 26 ياش، سۈرەتتە 3 بالىسى بىلەن كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىپ، قۇم-بوراننىڭ ھۇجۇمىدىن پاناھلىنىۋاتىدۇ. بۇ 3 بالا ئايرىم –ئايرىم ھالدا 3 ياشلىق ئەھمەد، 4 ياشلىق ناجىلا ۋە 1 ياشلىق جاھىد. ئۇنىڭ يولدىشى ئاففانىستان خەلق ئەسىكىرى بىلەن قىلىنغان ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن، ئۇ لاپاستا يېتىشقا مەجبۇر بولغان.
برونستېننىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، تەخمىنەن 50 مىڭدىن 70 مىڭغىچە بولغان ئۇرۇشتا يولدىشىدىن ئايرىلىپ تۇل قالغان ئاياللار كابولدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان بولۇپ، ساقچى ۋە باشقا ھۆكۈمەت ياللانما خادىملىرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى مەلۇم مەزگىلگىچە ياردەمدىن بەھرىمان بولالايدىكەن، بىراق ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئاياللىرى ھەر ئايدا پەقەت 5 مىڭ ئافغانىغا ئېرىشەلەيدىكەن (تەخمىنەن 75 ئامېرىكا دوللىرى).
بىراق گەرچە بۇ ياردەمدىن بەھىرلىنىشكە سالاھىيىتى توشسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالالمايدىكەن. 2015-يىلى 2-ئايدىكى ب د ت نىڭ بىر تۈرلۈك دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاددىي پۇقرالارنىڭ تۇل قالغان ئايالى پەقەت بىر قېتىم ئازغىنە ياردەمگە ئېرىشەلەيدىكەن، مەلۇم مەزگىلگىچە ياردەم پۇلى بولمايدىكەن. بۇ ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ سىستېما ئارقىلىق قانداق قىلىپ ياردەم پۇلغا ئىلتىماس قىلىشنى بىلمەسلىكىدىن ئىكەن.
70 ياشلىق ماھتا يالغاندىن مېيىپ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، كابۇل شەھەر مەركىزىدە تىلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتىدۇ. ئۇنىڭچە پەقەت تىلەمچى بولغاندىلا، تىلەمچىلەر بىلەن تولغان بۇ شەھەردە تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ يولدىشى تالىبانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، 4 بالىسى بىلەن ماھتا يالغۇز قالغان. ماھتا بىر كۈندە 8 ~10 ئامېرىكا دوللىرى تاپالايدىكەن.
بۇ ئاياللار يولدىشىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان دۆلەتتە، نۇرغۇنلىغان ئاففانىستان ئاياللىرىنىڭ يېنىدا بىر تىيىن يوق، قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. «نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا ئۆزلىرىنىڭ مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ باقمىغانلىقىنى، تۇرمۇش كەچۈرۈشىنىڭ ناھايىتى قىينلىقىنى، پەقەت كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق ياكى باشقىلارغا ياردەملىشىپ ئۆيلىرىنى تازىلاپ بېرىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلارغا نسىبەتەن ئېيتقاندا، تۇرمۇش بىر مەيدان كۈرەش».
27 ياشلىق ساھار مېيىپ بالىسى بىلەن بىرگە ئولتۇرىۋاتىدۇ: 4 ياشلىق ئابدۇل موساۋېر بىلەن 3 ياشلىق ئەھمەد (سول). 3 يىل بۇرۇن ئۇنىڭ يولدىشى كابۇلدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى بومبا پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا قازا قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ قورسىقىدا قالغىنىغا 8 ئاي بولغان بولۇپ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بىر ئوغۇل تۇغقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بالا بالياتقۇدا زەربىگە ئۇچرىغاچقا، ئەقلىي ئىقتىدارىدا مەسىلە بار ئىكەن. ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ئىنىسى ياخشى نىيەت بىلەن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان.
تۈركۈملىگەن ئاففانىستان ئاياللىرىنىڭ پۇلىمۇ يوق، تايانچىمۇ يوق، ئاخىرىدا ئېغىر نامراتلىق پاتقىقىغا پاتماقتا. ئۇلار بالىلىرى بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. بەزى ۋاقىتتا، يولدىشىنىڭ تۇغقانلىرى ياخشى نىيەت بىلەن، ئۇلارنى ئەمرىگە ئالىدۇ، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى قامدىشىغا توغرا كېلىدۇ.
29 ياشلىق گۈلشەن كىچىك قىزىنى قۇچاقلاپ تۇرماقتا: 4 ياشلىق سۇبىلاھ، يېنىدىكىسى 5 ياشلىق ناجىبە. ئۇنىڭ جەمئىي 6 بالىسى بار، تۇرمۇشى ناھايىتى نامراتلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئۇ ئىجارە تۇرىۋاتقان ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ، ئەگەر ئۆي ئىجارىسىنى تاپشۇرمىسا، كىچىك قىزىنى قەرزگە تۇتۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. گۈلشەن ئۆي تازىلاش ئارقىلىق ئازغىنە كىرىم قىلىدۇ، بىراق بۇ بالىلارنى بېقىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ھېچنىمىگە دال بولالمايدۇ.
سىما كابولدىكى بىر بولكا دۇكىنى سىرتىدا تىلەمچىلىك قىلىپ، يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ سەدىقە بېرىشىنى كۈتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ يولدىشى ئەسكەر ئىكەن، ئاففانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قىلىنغان ئۇرۇشتا قازا قىلغان.
3 يىل بۇرۇن ئاسېفانىڭ يولدىشى خەزەر مىللىتى بىلەن كۇچ كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىسى ئۇرۇشىدا تۇيۇقسىز قازا قىلغان. ئۇ ھازىر 6 بالىسى بىلەن لاپاستا گىلەم توقۇش بىلەن تۇرمۇشىنى قامداۋاتىدۇ.
8 يىل بۇرۇن مارغالنىڭ يولدىشىنى تالىبانلار ئۆلتۈرىۋەتكەن بولۇپ، 80 ياشلىق مارغالنىڭ ھازىرغىچە خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
35 ياشلىق ناسىمانىڭ يېنىدا 8 بالىسىدىن سىرت يەنە 3 نەۋرىسى بار. 3 يىل بۇرۇن، ش ئا ئە ت پارتىلىتىشىدا، يولدىشى بىلەن بىر بالىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇ خېرمان ئۆلكىسىنىڭ زوراۋانلىقىدىن قېچىپ، نەچچە يۈز ئائىلىلىك بىلەن بىرگە ناساجى مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرغان. بۇ يەردە تۇرۇبا سۈيى يوق، بارلىق مۇساپىرلار لاي-لاتقا، مەينەت ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورنىدا تۇرىدۇ.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved