زاكىر تور خەۋىرى لەگلەك تور تەرجىمىسى
فېندىدا كۆزگە چىلىققان ئۇچار كامىرا ئەمىلىيەتتە ئالما شىركىتى بۇرۇنلا سىتىشقا باشلىغان مەھسۇلات بولۇپ، ئىككى HD باتارىيە بۇ كامىرانىڭ بوشلۇقتا يىرىم سائەت ئۇچۇشىغا يىتىدىكەن، سىزنىڭ قولىڭىزدىكى iPhone بولسا دەل ئۇنىڭ كونتىروللىغۇچى ئىكەن، ۋە يىراق ئارلىقتا ئۇنى كونتىرول قىلىپ سۈرەت تارىتقىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ قىزىل، كۆك ۋە سىرىق رەڭلىكى بار ئىكەن. ئۇچار جىسىم مەستانىلىرىگە نىسبەتەن بىرلا سۆز——ئاقسا.
بۇ قاراشقا دەرەخ ئارچىمىقىدەك نەرسە بولسا ئۆسۈملۈك سېنزور(سەزگۈر دىتال).سىز پەقەت ئۇنى ئۆيىڭىزدىكى گۈللەرنىڭ قىشىغا سانجقپ قويۇپ، تىلفۇنىڭىزغا Flower Power دىگەن ئەپنى چۈشۈرسىڭىز
لا بولىدۇ. ئەگەر ئۆيۈڭىزدىكى گۈللەردە سۇسىز قىلىش، ئوغۇت يىتىشمەسلىك، تېمپراتۇرا بەك تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بولسا بۇ ئەسۋاب ئۇ مەسىلىلەرنى بايقىيالايدۇ ۋە سىزنىڭ تىلفۇنىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاپتيوللىيالايدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن سىز ئۆيىڭىزدىكى گۈللەردىن ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ مىكىي چاشقانغا ئوغشايدىغان نەرسە بولسا، ipadنىڭ ئويۇن رۇكوياتكىسى. نۇرغۇنلىغان ipadدە ئويۇن ئوينايدىغان كىشىلەر ئېكراننى توغرا چىكەلمەسلىكتەك مەسېلىلەرگە دائېم ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ رۇكوياتكا بولغاندىن كىيىن ھەممە مەسېلىلەر ھەل بولدى.
سىز ئالما شىركىتىنىڭ مۇشۇنداق غەلىتە نەرسە ئىشلەپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمۇ؟چۈنكى بۇ غەلىتە نەرسە بولسا گولف توپ كالتىكى ئانالىز ئەسۋابى. سىز پەقەت ئۇنى توپ كالتىكىگە چىتىپ قويۇپ توپنى ئۇرسىڭىز سېنزور سىزگە بارلىق ھەركەت جەريانىنى خاتىرلەپ بىرىدۇ ۋە سىزگە سىستىمىلىق ئانالىز قىلىپ بىرىدۇ، بۇ ئەسۋاب كەسپى تېرنىرلاردىنمۇ ئۆلچەملىك.
بىز توك تىجەيدىغان لامپۇچكىنى جىق كۆرگەن، لىكىن ئۇنىڭغا سىمسىز روتىر(无线路由器)نى سەپلىسەكچۇ؟ بۇ ئالاھىدە تورغا ئۇلايدىغان لامپۇچكا ئەڭ جىق بولغاندا 50 لامپۇچكىنى بىر سىستىمىغا ئۇلىغىلى بولىدۇ.
بۇ نەرسە ئىغىرلىق ئۆلچەيدىغان جىڭمۇ؟ ھەئە، بۇ جىڭ بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە تىخى يۈرەك رىتىمىنى ئۆلچىيەلەيدۇ، بەدەندىكى ماينى ئۆلچەپ چىقىپ سىزگە ساغلام لاھىيە تۈزۈپ بىرەلەيدۇ. غەلىتىمىكەن؟يەنە تىخى ئۇنىڭ تىخىمۇ غەلىتە ئىقتىدارلىرى بار،ئۇنى ئىشلەتمىگەندە ئۇ ئۆيدىكى ھاۋا سۈپۈتىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋابقا ئايلىنالايدۇ.
بۇ بىر كۇنۇپكا تاختىسى، سىز پەقەت ئۇنىڭغا خالىغان بىر ئالما مەھسۇلاتىنى (iPhone.ipad.iPod.Mac) ئۇلىسىڭىزلا مۇزىكا
چالغىلى بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved