ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: سودا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغاتتى . مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن (27-يانۋار) ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى مارتتىن دېكابىرغىچە بولغان 10 ئاي ئىچىدە شەھىرىمىز بويىچە يېڭىدىن 8834 كارخانا كۆپىيىپ، تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتال 50 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %46.8 ۋە %66 ئاشقان.
2014-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى يېڭىدىن 12 تۈرلۈك تەدبىرنى بېكىتىپ، كارخانىلارنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇپ، يەككە خۇسۇسىي تىجارەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادىنى نەپكە ئېرىشتۈردى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بازار سۇبېكتى جەمئىي 179 مىڭ ئائىلىگە يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئومۇمىي ساننىڭ 5/1ىنى ئىگىلىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved