كانادادا ياشلار «چوڭلارنى غاجاش» قا كۆنۈككەن، چوڭلارمۇ رازىكەن

      ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 18-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى يېقىندىن بۇيان كانادا تاراتقۇلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. بىراق ياشلار خىزمەت تاپقان بىلەنمۇ، يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقان ئۆي باھاسى ياشلارنىڭ بېشىغا ئېغىر غەم چۈشۈردى. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەڭ يېڭى بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ياشلارنىڭ «چوڭلارنى غاجاش» (ئاتا-ئانىسىغا تايىنىش ۋە بېقىنىۋېلىش. ت) يۇقىرىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى بىر تاللىشىغا ئايلانغان.

    «دۇنيا خەنزۇ تىلى رادىئو تورى» نىڭ كانادالىق كۆزەتكۈچى خۇ شېڭچىياۋ مۇنداق دېدى، بۇ ھەپتىدە كانادادا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، %50 ئاتا-ئانا بالىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ۋە زۆرۈر قۇربانلىق بېرىشنى خالايدىكەن، مەسىلەن ئەسلى پىلاندىكىدىن كېيىنرەك پىنسىيەگە چۈشۈش، پىنسىيە پۇلىنى بالىلارغا بېرىش، ساقلاپ قويغان پۇللىرىنى بېرىش قاتارلىقلار.

      كانادا مونتىرىيال بانكىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بايلىق باشقۇرۇش دوكلاتى كانادا ئاتا-ئانىلىرىنىڭ 18 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان قۇرامىغا يەتكەن بالىلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئەھۋالىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، %52 ئاتا-ئانا بالىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېنىق تىلغا ئالغان. بىراق كانادادەك «بالىلار بالدۇرراق مۇستەقىل بولۇشنى ئويلايدىغان، ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلىرى قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن تۇرمۇشىغا ئارىلاشمايدىغان»، «مۇستەقىللىقتىن ھوزۇر ۋە بەھىر ئالىدىغان» بىر دۆلەتتە بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى ئادەمنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.

     بىراق كانادالىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، %50 دىن ئارتۇق ئاتا-ئانا پىنسىيەگە چىقىشنى كىچىكتۈرۈشنى خالايدىكەن، %33 ئاتا-ئانا بولسا ئۆزىنىڭ پىنسىيەگە چىققاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى بالىلارغا بېرىشكە قوشۇلىدىكەن، %32 ئاتا-ئانا بالىلىرى ئۈچۈن پىنسىيەگە چىققاندا غورىگۈلرەك ياشاشقىمۇ رازى ئىكەن، %22 ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە، %19 ئاتا-ئانا پىنسىيە پۇلىدىن بىر قىسىمنى بالىلىرىغا بېرىشكە رازى ئىكەن. مەزكۇر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، كانادالىق ئاتا-ئانىلار قۇرامىغا يەتكەن بالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن ئەنسىرەيدىكەن، ھازىر ئاتا-ئانىلار ئەنسىرەيدىغان ئەڭ چوڭ ئۈچ مەسىلە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرىنچى: قەرز كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي مەسىلە، بۇ %41 نى ئىگىلەيدۇ. ئىككىنچى: ئىقتىسادىي مۇستەقىللەشكەندىن كېيىنكى قىيىنچىلىق، %34 نى ئىگىلەيدۇ. ئۈچىنچى: ئىشسىزلىق، %31 نى ئىگىلەيدۇ.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كانادا مونتىرىيال بانكىسى يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھازىرقى بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت چوڭلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش مەسىلىسىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %48 ئاتا-ئانا 18 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ھېچ قانداق بىر ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشمىگەن، بىراق ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۆزلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. ھازىرقى بىر ئەۋلاش ياشلار ئىچىدە ئاتا-ئانىسىدىن ھېچ قانداق ئىقتىسادى ياردەم ئېلىپ باقمىغان ياشلارنىڭ نىسبىتى ئاران %20 چىقىدۇ.

    دوكلات تەشەببۇسى ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار چوقۇم ھازىرقى بىر ئەۋلاد بالىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەقىل بولۇشىنىڭ بۇرۇنقى چوڭلارغا سېلىشتۇرغاندا تەسرەك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشى كېرەك، شۇڭلاشقا ئۇلار بالىلىرىغا تېخىمۇ كۆپرەك ياردەم بېرىشى كېرەك. بالىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالىلارمۇ بىلىشى كېرەككى، ئاتا-ئانىلار بەرگەن ئىقتىسادىي ياردەم يەنىلا چەكلىك بولىدۇ، ئۇلار چوقۇم ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇستەقىل بولۇشى كېرەك.

   دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار بەزىدە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاتا-ئانىسىغا بەكلا بېقىنىۋالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىقتىساد ۋە پۇلغا نىسبەتەن چۈشەنچىسى ئېنىق ئەمەس، شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلىرى كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، يەنى بالىلارغا پۇل خەجلەشنى ئۆگىتىشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا ئىقتىسادىي پىلان تۈزۈشنى، پۇل يىغىشنى، مەبلەغ سېلىشنى ئۆگىتىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا بالىلار بالدۇرراق ئىقتىسادىنى مۇستەقىل قىلالايدۇ.



خەتكۈچلەر:
21-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek