[يەرشارى تورى خەۋىرى] فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۆت ئاي داۋاملاشقان ئۇرۇشتا تۈركىيە چېگرىسىغا يېقىن بولغان سۇرىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شەھىرى كوپانىنى كۇرد قوراللىق قىسمى «شام ئىسلام دۆلىتى» رادىكال ئۇنسۇرلىرىنىڭ قولىدىن پۈتۈنلەي تارتىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش سەۋەبىدىن كوپانى پۈتۈنلەي خارابىلىككە ئايلانغان.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەرلىك خەلق «ئامانلىق ساقلاش قىسىمى» دەپ ئاتايدىغان كۇرد قوراللىق قىسمىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار مۇخبىرغا ئۇرۇش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى تونۇشتۇرغان ھەمدە ئۆزىنىڭ رادىكال ئۇنسۇرلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىنكى مەمنۇنلۇقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن تۆت ئايدىن ئارتۇق ئۇرۇش جەريانىدا، كوپانىدىكى 200 مىڭ ئاھالە تۈركىيەگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان، ۋاھالەنكى نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىش ۋاقتىنى تېخى بېكىتمەك تەس ئىكەن. لېكىن كۇرد قوراللىق قىسمىدىكىلەر ئۇلارنىڭ چوقۇم قايتىپ كېلىدىغىنىغا ئىشىنىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، قايتا قۇرۇش خىزمىتى پارتلىماي قالغان بومبىلار تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن باشلىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved