بەزى كىشىلەر ‹‹تاماكىنى تېز تاشلىسا، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ›› دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۇرغۇن مۇتەخەسسىس تاماكا تاشلاش جەريانىدا ھەقىقەتەن ئۈزۈلۈش خاراكتېرلىك كېسەللىك كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بىراق بۇ نورمال ئەھۋال بولۇپ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش جەھەتتىكى كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، دەپ كۆرسەتتى.
تاماكىنى تېز تاشلىسا، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ، دېيىشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق. تاماكا تاشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە تاماكا چېكىشنى توختاتقان ياكى تاماكا چېكىش مىقدارىنى ئازايتقاندىن كېيىن تاماكا چەككۈچىلەردە خۇمارى تۇتۇش، تەشۋىشلىنىش، ئاسان خاپا بولۇش، شۆلگەي بېزى ئاجرالمىلىرى كۆپىيىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەردە بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بىراق بۇلار نورمال ھادىسە بولۇپ، بۇنىڭدا ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش جەھەتتىكى كېسەللىك كۆرۈلمەيدۇ. ئەكسىچە تاماكا چەككەندە ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئىككىلەمچى دىيابېت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۈزۈلۈش خاراكتېرلىك كېسەللىك تاماكا چېكىشنى توختاتقاندىن كېيىن بىر نەچچە سائەت ئىچىدە باشلىنىدۇ، تاماكا تاشلىغان ئەڭ دەسلەپكى 14 كۈن ئىچىدە ئىپادىسى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، كېيىن تەدرىجىي يوقىلىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved