ياپونىيە يوكوخاما دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى مۇرادا يېقىندا « ياپونىيەنىڭ دياۋيۈ ئارىلىنى قانداق ئىگىلىۋالغانلىقىنى تارىخىي ماتېرىياللار ئىسپاتلايدۇ» دېگەن يېڭى كىتابىنى چىقىرىپ، ئاشكارا ماتېرىياللارنى توپلاش، ئىسپاتلاش ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دياۋيۈ ئارىلى ياپونىيەنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان زېمىنى دېگەن قارىشىغا ئومۇميۈزلۈك رەددىيە بەردى. 2013-يىلى ئىيۇندا، مۇرادا ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ زېمىن مەسىلىسىنىڭ كېلىش مەنبىيى ناملىق كىتابىنى چىقارغان، كىتابتا ياپونىيە ئېلان قىلغان ماتېرىياللار ئاساس قىلىنغان بولۇپ، دىئاۋيۈ ئارىلىنىڭ ئوكىناۋا ياكى تارىختىكى رىئوكىيوغا تەۋە ئەمەسلىكى، ياپونىيەنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان زېمىنى ئەمەس دېگەن يەكۈننى چىقارغان ئىدى. بۇ قېتىم نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابىغا بىر قىسىم يېڭىدىن بايقىغان تارىخىي ماتېرىياللارنى قوشتى. مۇرادا مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئەمەلىيەت ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زېمىن ماجىراسى مەۋجۇت ئەمەس دېگەن قارىشىنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved