جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىشتاب باشلىقى ۋاڭ گۈەنجوڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسەت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋومۇس 16-ئۆكتەبىر ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىناسىدا جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ 15-قېتىملىق مۇداپىئە ئىشلىرى كېڭىشىشىگە بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتى، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسى ھەم باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ئىككى تەرەپ ئالدىنقى قېتىملىق كېڭىشىشتىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئىجابىي باھا بېرىپ، ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىجىل، ماھىيەتلىك سۆزلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خاتا چۈشىنىش، خاتا ھۆكۈم قىلىشنى ئازايتىپ، يېڭىچە ھەربىي مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلدى.
ئىككى تەرەپ 16-قېتىملىق مۇداپىئە ئىشلىرى كېڭىشىشىنى 2015-يىلى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈشكە پۈتۈشتى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاپرېل، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved