ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ياپونىيە كۆبېنىڭ «نۇر مۇراسىمى» مەزكۇر شەھەرنىڭ مەركىزى رايونىدا رەسمىي باشلاندى. مۇراسىمدا، باشقۇرغۇچى تەرەپ يېقىندا ئالايىتەن چىراغلارنى سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەر ئۈچۈن گۈزەل بولغان نۇرلۇق كاتتا زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەت 1995-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئوساكانىڭ ئاۋاجى رايونىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋەقەسى (1995-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى يۈز بەرگەن)دە قازا قىلغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆبې شەھىرىنى قايتا قۇرۇش ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئىكەن.
پائالىيەتنىڭ 21-يىلىغا قەدەم قويغانلىقىنى كۆزدە توتۇپ، باشقۇرغۇچى تەرەپ بۇ يىلقى پائالىيەتكە «قەلبىمدىكى كۆبې» دەپ تېما قويغان. چىراغلارنى سىنايدىغان كۈنى، تەخمىنەن 300 مىڭدىن ئارتۇق LED لامپۇچكىسى بىرلا ۋاقىتتا يورۇتۇلۇپ، چاقناپ تۇرىدىغان چىراغ نۇرلىرى قىش كېچىسىنى يورۇتۇۋەتتى.
ئۇنىڭدىن باشقا، مەيدان ئىچىگە يەنە فونتان ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ، ھەر خىل گۈزەل ئۈنۈملەرنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەتراپتا، نۇرغۇن ھۆپىگەرلەر ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى ساتىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشكەن.
لېكىن، بۇ پائالىيەتتە يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇدا قىزىل رەقەم كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ يىل پائالىيەتنىڭ ۋاقتى ئىككى كۈن قىسقارتىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە، پائالىيەت مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved