بارسېلونا كوماندىسى دەريا قېنى كوماندىسىنى يېڭىپ كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىپ 2015-يىلىدىكى 5-لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.
دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە يەككە مۇسابىقە پەسلىدە ئۈچ لوڭقىغا ئېرىشكەن كوماندىلار كۆپ ئەمەس، بەش لوڭقىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز. ئالتە لوڭقىغا ئېرىشكەن كوماندىدىن پەقەت بىر كوماندىلا بار.
2015-يىلى بارسېلونا 5 لوڭقىغا ئىرىشكەن
ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلونا كوماندىسى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىغا ئېرىشتى، بۇ پەسىلدە بولسا ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى، ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىغا ئېرىشتى. پەقەت ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا بىلباۋ ئاتلىتكا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
2013-يىلى بەيرېن كوماندىسى بەش لوڭقا
2012-يىلى ھاينكىس كوماندىنى يىتەكلەپ گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى، ياۋروپا چېمپيونلۇق لوڭقسىنىڭ چېمپىيونلۇقى، گېرمانىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ گېرمانىيە تارىخىدىكى تۇنجى بىر يىلدىلا ئۈچ لوڭقىنى قولغا كەلتۈرگەن كوماندىغا ئايلاندى. گوئاردىئوۋلا بەيرىن كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولغاندىن كېيىن ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.
2010-يىلى خەلقئارا مىلان كوماندىسى بەش لوڭقا
2010-يىلى بايرېن كوماندىسى بىلەن خەلقئارا مىلان كوماندىسى ئۆز بىرلەشمىسىدە بىر يىلدا ئۈچ لوڭقا ئالغان كوماندىلاردىن بولۇپ قالدى ھەمدە ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇچراشتى. مۇسابىقىدە خەلقئارا مىلان كوماندىسى غەلبە قىلدى. مورىنھو خەلقئارا مىلان كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بېنتىز ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسغا ئىرىشتى، لېكىن دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىدا ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا مىلان كوماندىسى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى بىردىنبىر بىر يىل ئىچىدە بەش لوڭقا ئالغان كوماندا بولۇپ قالدى.
2009-يىلى بارسېلونا 6 لوڭقا
2009-يىلى بارسېلونا كوماندىسى مانچېستىر كوماندىسىنى يىڭىپ ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشتى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقى، شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقى ھەمدە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپيونلۇقى، ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىمۇ دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئىرىشتى.
1999-يىلى مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى 3 لوڭقا
1999-يىلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدا مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى بايرېن كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيون بولدى ھەمدە شۇ يىلى ئېنگلاند بىرلەشمسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ۋە پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى.
1988-يىلى ئەيىنخۇۋىن كوماندىسى 3 لوڭقا
ھىددنىك يىتەكچىلىكىدىكى ئەينخۇۋىن كوماندىسى 1988-يىلى گوللاندىيە بىرلەشمىسنىڭ چېمپىيونى، گوللاندىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى، شۇ يىلى يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئىرىشىپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن تۇنجى بولۇپ بىر يىل ئىچىدە 3 لوڭقىغا ئىرىشكەن كوماندا بولۇپ قالدى. شۇ چاغلادا گوللاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنمىغاچقا ئۇلارنىڭ ئالغان لوڭقا سانى 3 بىلەنلا چەكلىنىپلا قالدى. چۈنكى ئۇلار باشقا تۈردىكى مۇسابىقىلەردە ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.
1972-يىلى ئاجاكىس كوماندىسى 5 لوڭقا
شۇ يىلى ئاجاكىس كوماندىسى ئىنتىر مىلان كوماندىسنى يېڭىپ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى. ھەم گوللاندىيە بىرلەشمسىنىڭ چېمپىيونى، گوللاندىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئىرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقرى لوڭقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىغا ئېرىشىپ بەش لوڭقىغا ئېرىشتى.
1967-يىلى كىلىتلىقلار كوماندىسى 4 لوڭقا
ياۋروپا پۇتبول تارىخىدكى تۇنجى بىر يىل ئىچىدە ئۈچ لوڭقا ئالغان كوماندا، بۇ كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى يەرلىك توپچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ شۇ يىلى چېمپىيونلۇق لوڭقىسى، شوتلاندىيە لوڭقىسى، بىرلەشمە لوڭقىسىغا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئىرىشكەن. شۇ يىللاردا ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، شوتلاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى تەسىس قىلىنمغان.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved