جۇڭگو تېخنىكا ئۇچۇرى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون شۇ يەر ۋاقتى 20-دېكابىر مالى پايتەختى باكامودا گەرچە مالىدا ئېبولا يۇقۇمى بىر قەدەر پەسەيگەن بولسىمۇ ئەمما ئېبولا يۇقۇمى تەھدىتىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى غەربىي ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھوشيارلىقنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى .
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون شۇ كۈنى مالى پايتەختى باكامودا مالى زۇڭتۇڭى كىتا بىلەن كۆرۈشۈپ مالى ھۆكۈمىتىنىڭ ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا تېزلىكتە ئىنكاس قايغۇرغانلىقىدىن زوقلاندى .ئۇ مۇنداق دېدى :‹ مەن يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان يانۋاردا مالىنىڭ بىز ئېبولا يۇقۇمى بىلەن خوشلاشتۇق دېگەن خۇش خەۋەرنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ،.
23-ئۆكتەبىر چېگرا ئىچىدىكى تۇنجى ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىغا دىئاگنوز قۇيۇلغاندىن كېيىن مالىدا جەمئىي يەتتە نەپەر ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالدى بۇنىڭ ئىچىدە بەش بىمار قازا قىلىپ ئىككىسى ساقايدى .ئىلگىرى دىئاگنوز قۇيۇلغان بىمارلار بىلەن ئۇچرۇشۇپ ئايرىپ كۆزىتىلگەن مالىلىقلارمۇ ئارقا ئارقىدىن ئايرىپ كۆزىتىشتىن بىكار قىلىندى .
ياپونىيە ئورتاق ئاخبارات ئاگېنتلىقنىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) يېقىندا سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 17-دېكابىرغىچە غەربىي ئافرىقىدىكى لىبىرىيە، سېررالېئون ۋە كېنىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە جەمئىي 19 مىڭ 31 ئادەم ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 7373 ئادەم قازا قىلغان.بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئالدىنقى قېتىم ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىغا سېلىشتۇرغاندا، يۇقۇملانغانلار بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 462 ۋە 473 ئادەم ئاشقان. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى قازا قىلغانلارنىڭ سانىغا كەلسەك، لىبىرىيەدىن 3346 ئادەم، سېررالېئوندىن 2477 ئادەم، كېنىيەدىن 1550 ئادەم قازا قىلغان.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەردىن باشقا ئامېرىكا، نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە جەمئىي 15 ئادەم بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغان، بۇ ساننى قوشقاندا، پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 7388 ئادەم ئېبولا ۋىرۇسىدا قازا قىلغان.بۇ ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، لىبىرىيە، سېررالىئون ۋە گىۋىنىيە قاتارلىق غەربى ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتتە ئېبولا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ سانى 19 مىڭ 31 كىشىگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 7373 كىشى قازا قىلدى. ئېبولا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. 17-چىسلا ئېلان قىلىنغان سانلىق-مەلۇمات بىلەن ئالدىنقى قېتىملىق سانلىق-مەلۇماتنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 462 كىشى ۋە 473 كىشى ئاشقان.
بىراق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، ئېبولا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بۇرۇنقىغا قارىغاندا سەل ياخشىلانغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تور پونكىتىنىڭ 17- دېكابىر خەۋەر قىلشىچە، 2015- يىلى 3- ئايغا كەلگەندە ئېبولا يۇقۇمى ئېغىر بولغان گۋىنىيە، لېبىرىيە ۋە سېررالىئوندىكى ئاشلىق بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى شۇنداقلا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 17- دېكابىر چىقارغان بىر پارچە دوكلاتتىكى ئاگاھلاندۇرۇش.ئاشلىق يېزا ئىگىلىك تەشكىلات ۋە ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئېبولا يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان چېگرىنىڭ تاقىلىشى، تەكشۈرۈش ۋە ئايرىۋېتىش، ئوۋ ئوۋلاشنى چەكلەش ۋە باشقا چەكلەش تەدبىرلىرى كىشىلەرنىڭ يېمەكلىككە ئېرىشىش يولىنى قاتتىق توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىپ، ئاشلىق بازىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان.
ھەمدە ئېبولا يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان رايوننىڭ زىرائەتلىرى ئېغر زىيانغا ئۇچراپ، تېخىمۇ ئېغىر ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. بۇ يىل 12- ئايغا كەلگىچە، بۇ ئۈچ دۆلەتتىكى تەخمىنەن 500 مىڭ ئادەم ئېغىر ئاچارچىلىققا دۇچار بولغان. ئېبولا ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىغان ئۆلۈم-يېتىم ۋە كېسەللىك شۇ رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى، ۋە ئائىلە كىرىمىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەر كېسەل يۇقۇپ قېلىشتىن قورقۇپ خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەن. بۇ ئاممىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئۈچ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved