سۇمۇرۇغ تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بەرگەن خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .كولۇمبىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سانتاندېر ئۆلكىسى بۇ كارامانگا شەھىرى ئەتراپىدا شۇ يەر ۋاقتى 10-مارت سائەت 15تىن 55 مىنوت ئۆتكەندە 602 بال يەر تەۋرىدى .نۆۋەتتە ئادەم ئۈلۈش يارىلىنىشى ۋە مال مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرەلمىدى .ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەر تەۋرەش ئۇچۇرى تورىدا كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى شىمالدىكى كەڭلىك 6.827گىرادۇس ،غەربىي ئۇزۇنلۇق 73.011گرادۇستا بۇلۇپ ،تەۋرەش چوڭقۇرلىقى 147.2 كىلومېتىر بولغان .
كولومبىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە تەۋرەش سېزىمى بولغان .پايتەخت بوگوتا ئوتتۇرا قىسىمدىكى شەھەر مېدېللىن ،غەربىي قىسمىغا جايلاشقان شەھەر كاگېلى قاتارلىق جايلاردىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇ بىنالىرىنىڭ يېرىم مىنۇتقا يېقىن تەۋرىگەنلىكىنى سەزگەن .بوگوتا شەھىرىدە كولۇمبىيە پارلامىنتى بىلەن بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش يولغا قۇيۇلغان.
بۇنىڭدىن سىرت يەر تەۋرەشتە كولۇمبىيەگە قوشنا دۆلەت ۋېنسوئىلا ۋە پانامادىمۇ يەر تەۋرەش سېزىمى بولغان .نۆۋەتتە بوگو قاتارلىق شەھەرلەردىكى بىر قىسىم بىنالارغا دەز كەتكەندىن باشقا ئادەم ئۆلۈش يارىلىنىش ۋە مال مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر يوق.خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا سانتاندېر ئۆلكىسىنىڭ ئالاقىسى نۆۋەتتە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان .گېئولوگىيە مۇتەخسىسىلىرى تەۋرەش مەركىزى نىسبەتەن چوڭقۇر بولغاچقا بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ چوڭ زىيان ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى مۆلچەرلىگەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved