رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 4-دېكابىر ، چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمغا تولۇق تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پۇتىن شۇ كۈنى دۆلەت ئەھۋالىدىن مەسلىھەت بەرگەندە مۇنداق دېدى: مەن، يەرلىك قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ تولۇق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىنى بەربات قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىز ئۇلارنى قوللايمىز.
رۇسىيە چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى گىروزنى 4-دېكابىر چېچىنىيە قۇراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئارقىدىن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، قۇراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئون خادىمىنى ئېتىپ تاشلىدى. چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى رۇسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كاۋكاز تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، قانۇنسىز قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھەرىكىتى ئىنتايىن ئەۋج ئالغان رايون. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 4-دېكابىر باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيىنىڭ چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى گروزنىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved