ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
شىنخۇا تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى سان فرانسىسكودىن بەرگەن تېلېگراممىسى، شۇ يەر ۋاقتى 27- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا سان فرانسىسكو يېنىدىكى سان فرانسىسكو قولتۇقى ھاۋا بوشلۇقىدا ئىككى كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان سوقۇشۇپ كەتكەن. ۋەقە بىر نەپەر ئۇچقۇچىنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋەقەدىكى بىر ئايروپىلان دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇچقۇچىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوق. يەنە بىر ئايروپىلان بىخەتەر ھالدا يېقىن ئەتراپتىكى بىر كىچىك ئايرودرومغا قونغان بولۇپ، بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە ئۇچقۇچى يارىلانمىغان.
ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ھازىر ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىزدەش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مەنبەسى شىنخۇا تورى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved