جاھان ئاگېنتلىقى 26-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ يەمەنگە ھاۋا ھەرىكىتى قوزغىشى جەريانىدا پايتەخت سەنئادىكى ئىران باش ئەلچىخانا بىناسى ئەتراپىغا ئىككى دانە راكىتا ئوقى چۈشكەنلىكى سەۋەبىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان باش ئەلچىلىك ۋاكالەتچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە چاقىرىق قىلىپ ئەسكەرتىش بەردى. ئىران تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېھران تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان باش ئەلچىلىك ۋاكالەتچىسىگە بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار قاتتىق ئىتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى، دىپلوماتىيە خادىملىرى ۋە دىپلوماتىيە بىناسىنىڭ چېقىلغىلى بولمايدىغانلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئەسكەرتىش بەردى. دېيىلگەن.
ئۇچرىشىشتا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىغا قاتناشقان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ « دىپلوماتلارنىڭ بىخەتەرلىكى خۇسۇسىدا خەلقئارالىق مەسئۇلىيتىنى ئورۇندىماسلىقى نەتىجىسىدە يۈز بېرىدىغان نەتىجىلەرگە مەسئۇل بولىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى يەمەنگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ 2 دانە راكىتا ئوق پايتەخت سەنئادىكى ئىران باش ئەلچىخانىسى بىناسى ئەتراپىغا چۈشۈپ كەتكەن. بىرلەشمە ئارمىيە قىسملرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئالدىنقى ئاپرېل ئېيىدا بىر راكىتا ئوقى ئىران باش ئەلچىخانا بىناسىغا يېقىن بىر جايغا تەگكەن ئىدى، شۇ ۋاقىتتىمۇ ئىران تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئەسكەرتكەن ئىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved