كىرىستىيانو رونالدو داۋاملىق ئۆزىنىڭ رىكورت بۇزۇش يولىدا ئالغا ئىلگىرلەۋاتىدۇ. شارىك كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە خان مادرىدنىڭ بۇ يەتتىنچى نومۇرلۇق ئاجايىپ ھۇجۇمچىسى يەنە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ خان مادرىدنىڭ يەنە بىر توپچىسىنىڭ توپ كىرگۈزۈش نەتىجىسى بىلەن تەڭلەشتى. كىرگۈزگەن بۇ ئىككى توپى ئۇنىڭ خان مادرىد كۇلۇبىدا كىرگۈزگەن توپ سانىنى 242 گە يەتكۈزۈپ، پۇسكاسىچ بىلەن تەڭلەشتۈردى.
ھازىر پورتۇگالىيەنىڭ بۇ پۇتبول چولپىنى خان مادرىد كۇلۇبى تاېىخىدىكى تۆتىنچى ھۇجۇمچىغا ئايلاندى.يەنى پەقەت رائۇل (323 توپ) ، دىستىفان ( 307 توپ) ۋە ساندىيانا (290 توپ) تىن قالسىلا 4- ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۇ ئىككى توپ يەنە رونالدونىڭ بۇ مۇسابىكە پەسلىدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانىنى 13 كە يەتكۈزدى.
( ئىبراھىموۋىچتىن 3 توپ ئارتۇق). ئۇنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تاق پەسىلدە توپ كىرگۈزۈش رىكورتى 14 توپنى بۇزۇشىغىمۇ ئاز قالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ رىكورتنى ئارتافىن (1962-يىلى)، فانىستېرلۇ (2003-يىلى) ۋە مېسسى (2012-يىلى) قاتارلىقلار بىرلىكتە ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ئەمەلىيەتتە بۇ مەيدان مۇسابىقىدىلا ئۇنىڭ بۇ رىكورتنى بۇزڭش پۇرسىتى بار ئىدى، بىراق ھەل قىلغۇچ ئىككى توپى ۋاراتارنىڭ تۈۋرىكىگە تېگىپ قېلىپ بۇ پۇرسەتمۇ كېتىپ قالدى. بىراق ئۇنىڭ ئاز دېگەندە يەنە ئىككى مەيدان بۇ رىكورتنى بۇزۇشىغا ياردەم قىلىدىغان مۇسابىقىسى بار.( ياروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى).
بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە كىرىستىيانو رونالدو 630 مىنۇتتا 13 توپ كىرگۈزگەن. ئوتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 48.5 مىنۇتقا بىر توپ توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا داڭلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىمۇ رونالدوغا يەتمەيدۇ. يەنى ئىبراھىموۋىچ تەخمىنەن ھەر 59.8 مىنۇتتا بىر توپ كىرگۈزگەن. مېسسى تەخمىنەن ھەر 56.25 مىنۇتيا بىر توپ كىرگۈزگەن. دىيوگو كوستا بولسا تەخمىنەن ھەر 53.42 مىنۇتتا بىر توپ كىرگۈزگەن.
خان مادرىد كۇلۇبى ھەۋەسكارلار تورى خەۋىرى : لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
(ئەگەر يۆتكىسىڭىز «لەگلەك تورىدىن ئېلىندى» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ.)
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved