29-نويابىر ئېچىلغان ئوتتۇرا تومۇر ياش-ئۆسمۈرلەر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەرىكىتى مەخسۇس تۈش فوندى قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى تەسادىپىي ۋەقە سەۋەبلىك قازا قىلغان بالىلارنىڭ سانى 200مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ھەركۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 540تىن كۆپرەك بالا تەسادىپىي قازا قىلىدىكەن، تەسادىپىي يارىلىنىپ قازا قىلغان بالىلارنىڭ سانى قازا قىلغان بالىلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن.
جۇڭگو بالىلار - ئۆسمۈرلەر فوندىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى چېن شيۇروڭنىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن، ئوت ئاپىتى، قاتناش ۋەقەسى، تەسادىپىي يارىلىنىش قاتارلىق بالىلار بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن، بۇنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان بىخەتەرلىك تەشۋىقات-تەربىيەسىنىڭ كەمچىللىكى بىلەن ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ئۆسمۈرلەر-ياشلار فوندى بىرلىكتە باشلىغان ئوتتۇرا تومۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەرىكىتى شەھەرلەردىكى كۆچمە بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك ئېڭىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان مەملىكەت خارەكتېرلىك ئاممىۋىي پاراۋانلىق تۈرى بولۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بىخەتەرلىك تەربىيەسى دەرسخانىسى قۇرۇش ئۈچۈن، 3يىلدا 15مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved