مەدىكارلىق قىلىۋاتقان ماراكەشلىك ئاياللار
جۇڭگو ئاخبارات تورى، 30-دېكابىر تېلېگراممىسى : سېنگاپور ‹‹ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى ›› نىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ماراكەشتە بىر توپ ئاياللار مەدىكارلىق قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان بولۇپ ، ھەر كۈنى چېگرا ئاتلاپ ئىسپانىيە تەۋەلىكىدىكى مەھەللىلەگە كىرىپ، قاتمۇقات دەستىلىنىپ تېڭىلغان قېلىن يوتقانلارنى دۈمبىسىگە يۈدۈپ ماراكەشكە توشۇيدىكەن .
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇلار يۈدۈۋالغان بۇ بىر تېڭىقتا جەمئىي بەش يوتقان بار بولۇپ، ئېغىرلىقى 20 كىلوگرامغا يېتىدىكەن، توشۇش ھەققى بولسا ئارانلا بەش ياۋرو ئىكەن.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھەر كۈنى نەچچە مىڭلىغان ماراكەشلىك مەدىكار مانا مۇشۇنداق ئازراق تۇرمۇش پۇلى ئۈچۈن چېگرا ھالقىپ ئىسپانىيەنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى بۇ مۇستەملىكە رايونىغا كېلىپ ئىشلەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved