شىنخۇا تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ھازىرقى جەمئىيەتتە ،ئاياللار مۇھىم بىر كۆڭۈل بۆلۈش تېمىسىغا ئايلاندى ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،خوشال مىنۇتلار ۋە يۇقىرى بېسىملىق تۇرمۇش ئالدىدا ،ئاياللارنىڭ سالامەتلىكى تەھدىتكە ئۇچرىدى .ئاياللار قانداق قىلغاندا تۇرمۇشنىڭ تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ ،ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ ؟
تۆۋەندە سىزگە بىر يۈرۈش سالامەتلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز
بۇرۇنقى زاماندا ،ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ‹ئاياللار دۇنيانىڭ يېرىمىنى تېرەپ تۇرىدۇ ›دەپ شۇئار توۋلاشتى ،بىراق بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئاياللار تۇغۇلىشىدىنلا ،ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپرەك سالامەتلىك مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ .تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا 85% شەھەر كەسپىدىكى ئاياللار جىددىي ھالەتتىكى سالامەتلىك سىزىقىدا تۇرىدىكەن ،زۇكام بۇلۇش ،يۈز تېرىسى قېرىش ،چىرايى تاتىراڭغۇ بۇلۇش ، ئاياللار كېسىلى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقىغا ئايلىنىپ قالدى .شۇنىڭ ئۈچۈن سالامەتلىك مەسىلىسىگە كەلگەندە ئاياللار ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار ېرىشى كېرەك ،مانا بۇ ئورۇندا دەل بىز دەۋاتقان ئۈچ تەڭپۇڭلۇق مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .
خىزمەت ۋە ئائىلە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش
نۇرغۇن ئاياللار خىزمەت ۋە ئائىلە مەسىلىسىگە كەلگەندە ،قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قالىدۇ ،بۇ مەسىلىنى ئويلىغانسېرى بېشى قاتىدۇ ،ئەمەلىيەتتە بولسا ئائىلە ۋە خىزمەت بىر-بىرگە زىت ئەمەس ،ئوخشىمىغان نۇقتىدا بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشىمىغان رولى بولىدۇ .خىزمەت ۋە ئائىلە بولغاندا تۇرمۇش مۇكەممەللىككە ئىگە بولىدۇ .ياش ئاياللار خىزمەتنىڭ تەرەققىيات دەۋرىگە كەلگەندە ،خىزمەتنى ئەڭ مۇھىم دەپ قاراپ ،كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلايدۇ .بىراق ياخشى بولغان خىزمەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ ،خىزمەت ئۈنۈمى ۋە ئائىلىدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغاندا ئاندىن قوش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . شۇڭا ئاياللار نۇقۇل ھالدا بۇ ئىككىسىنى بىرگە ئېسىلىۋالماي ،خىزمەت ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنى توغرا تەڭشىشى ،بىرىنى دەپ يەنە بىرىدىن قۇرۇق قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم .
خىزمەت ۋە ئارام ئېلىش تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش
نۇرغۇن كىشىلەر ‹ساغلاملىقنىڭ ئىنقىلابتىكى مۇھىم ھالغا ›ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ،بىراق ئۇلار تۇرمۇشتا يەنىلا سالامەتلىكتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قۇيىدۇ . بەزى ئاياللار خىزمەت سەۋەبى بىلەن كېچىلەپ ئۇخلىماي ئىشلەپ قالىدۇ . تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا 83.9% ئادەم 23:00دىن كېيىن ئۇخلايدىكەن ،بۇلارنىڭ ئىچىدە 10.67% كېچىلەپ ئۇخلىماي ئىشلەيدىغان ئاياللار ئىكەن .ئۇلار كېچىلەپ ئىشلىگەندە بەدەن تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلدىغانلىقىنى ،ئاياللار كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇردىغانلىقىنى ، يۈر تېرىسىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار خىزمەت ۋە ئارام ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشىشى كېرەك .
جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنى تەڭشەش
جىسمانىي ساغلاملىقتىن سىرىت يەنە ،ئاياللار روھىي ساغلاملىقىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا ،ئاياللار بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانسا بەكلا ئەستايىدىل بۇلۇپ كېتىدۇ ۋە مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدۇ . بىراق ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا ،بۇ ئاياللارنىڭ قارنى كۆكسى كەڭ ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ،ئاياللارنىڭ سەۋىرچانلىقنى ۋە كەڭ قورساق بۇلىشى ئەرلەرگە يەتمەيدىكەن . ئاياللار كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يولۇققاندا يوشۇرۇشنى ، يۈزەكى ئىشلارنى ھەل قىلىۋېتىپ ،ئاچچىقنى ۋە كۆڭۈلسىزلىكىنى ئىچىگە يۇتۇشنى ياخشى كۆرىدۇ . بىراق بۇنداق بۇلىۋەرگەندە بىرخىل روھىي كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، بۇخىل ھالەت بىۋاستە ھالدا جىسمانىي ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
تۆت چوڭ پىلان ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ . يەنى :
1.دەرت تۆكۈۋېلىشنى ۋە دىققىتىنى بۇراشنى ئۆگىنىش ،ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە تەڭشەش
2.تەنھەرىكەت تۈرلىرى ،سۇ ئۈزۈش ، يول مېڭىش
3. يېمەكلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش .
4. باشتىن كەچۈرۈشنى ئۆگىنىش .ئوخشىمىغان ياشتا ئوخشىمىغان ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا مۇئامىلە قىلىش
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved