جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئاچتى، باياناتچى خې جېنلياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش يۆلىنىشى يەنىلا ئاجىز، مەن جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەكىتلىگەن « تۆت نۇقتا پۇزىتسىيسى »نىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش يۆلىنىشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىگە قارىتا ئۇ ياپونىيە تەرەپنىڭ بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن سۆز ھەرىكىتىنى باشقۇرۇپ يۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 26- نويابردىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: زۇڭلى لى كېچياڭ مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنى سىئولدا ئابى شىنزۇ بىلەن كۆرۈشكەندە ئىككى تەرەپنىڭ سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى ۋە باشقۇرۇشىنى، ئەمەلىي ئىشلار ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى قاتارلىق « تۆت نۇتقا پۇزىتسىيىسى »نى ئوتتۇرىغا قويدى. خې جېنلياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلدى: پەقەت مۇشۇ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەنىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved