ئامېرىكا قوشما شتات ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا ساقچى تەرەپ شۇ جاي ۋاقتى 2- نويابر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: شۇ كۈنى نيۇيوركتىن تۈركىيەگە قاراپ ئۇچقان بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان بومبا تەھدىتىگە ئۇچراپ، ئۇچۇش يۆلىنىشىنى جىددىي ئۆزگەرتىپ كاناداغا قوندى، نۆۋەتتە كانادا ساقچى تەرەپ ئايروپىلاننى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، بومبا تەھدىتىنى چىقىرىپ تاشلاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، كاندا خالفاكىس خەلقئارا ئايردرومى شۇ كۈنى تېۋىتىردا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بومبا تەھدىتىگە ئۇچرىغان تۈركىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئايرودرومغا بىخەتەر قوندى، ساقچىلار يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنى تارقاقلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئايروپىلاننى ئىنچىكە تەكشۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئايروپىلانغا جەمئىي 256 ئادەم چىققانىكەن. كاندا ساقچى تەرەپ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: گەرچە تەكشۈرۈش خىزمىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولىسمۇ، ئەمما بۇنىڭ بىر ساختا بومبا تەھدىتى ئىكەنلىكىنى بېكىتىشكە بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved