ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشسا قايسى مەركىزىي بانكا ئەگىشىدۇ ؟

  

نۆۋەتتە، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومتېتىنىڭ 12-ئايلىق يىغىنىدا ئۆسۈم قوشۇشىغا بولغان مۆلچەرى پەۋقۇلئادە كۈچلۈك. ئۇنداقتا ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كېلەر ئايدا راستىنلا ھەرىكەت قىلسا، قايسى دۆلەت ياكى رايون شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ؟ CNBC خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، مېكسىكا ، سەئۇدى ئەرەبىستان، پېرۇ، شياڭگاڭ مەمۇرىلىرىمۇ ئەگىشىپ ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىن.

   مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى، جەنۇبىي ئافرىقا راندىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش قىممىتى چۈشكەن بولغاچقا، جەنۇبىي ئافرىقا مەركىزى بانكىسى 25 ئاساسى نۇقتا ئۆسۈم قوشۇشنى تاللىغان. باشقا مەركىزىي بانكىلىرى ۋە پۇل دائىرىلىرىمۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئۆز دۆلىتى پۇلىنى قوغداپ، كاپىتالنىڭ سىرتقا قېچىشى ۋە ئىمپورت مال باھاسىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولىشىنى توسۇشى مۇمكىن.

لېكىن، ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق دەپ قارىدى، ئامېرىكا پۇل قىسلىقى سىياسىتىنىڭ دۆلەت ۋە رايونلاردا ئاز ساندا ئىجرا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاساسىي ئېقىم يەنىلا كەڭ پۇل سىياسىتىنى قوللايدۇ. مەسلەن، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى 12–ئايلىق يىغىنىدا سىياسەتنى يەنىمۇ كەڭرەك قويۇۋېتىشى مۇمكىن ؛ ياپونىيە ئۇدا ئىككى پەسىل ناچار ئىقتىسادىي ئېشىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۆسۈم نىسبىتى ھازىرقى سەۋىيىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

   تارىختىن قارىغاندا ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى دائىم بۇرۇن ھەرىكەت قوللىنىدۇ . 2001-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەندە، ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ھەرىكىتى بەش ئاي ئالدىغا سۈرۈلگەن. ئامېرىكا 2004-يىلى 6-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرگەندە، ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ھەرىكىتى 18 ئاي ئالدىغا سۈرۈلگەن. ئامېرىكا 2007-يىلى 9-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرگەندە، ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ھەرىكىتى 11 ئاي ئالدىغا سۈرۈلگەن.

   تارىختىن قارىغاندا، گەرچە چوڭ تىپتىكى مەركىزىي بانكىلار پۇل سىياسىتى جەھەتتە قاتتىق ماس قەدەملىك بولمىسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا مەزگىلدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئاساسي ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
26-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-كورىيە ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى سىئولدا 14- نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورىيە ئىقت...
27-05-2016
خېشۈن تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولغاندا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1217.56 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 12 دوللار چۈشۈپ كەتت...
Powered by Leglek