شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايوف بىلەن تېلفونلاشتى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايوف بىلەن تېلفونلاشتى.
شى جىنپىڭ نەزەربايوفنىڭ يەنە بىر قېتىم قازاقىستاننىڭ زۇڭتۇڭ بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ سىياسى جەھەتتىن بىر-بىرىگە بولغان ئىشىنىشى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ماسلىشىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، ھەمكارلىشىپ نەپ يەتكۈزىدىغان جۇڭگو قازاقىستان مۇناسىۋىتى، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستى، شۇنداقلا مەزكۇر رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشگىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو، قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، قازاقىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى قەتئى قوللايدۇ، قازاقىستان تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقنى، بىخەتەرلىكىنى ۋە تەرەققىياتى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئى قوللايدۇ. قازاقىستاننىڭ خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم رول ئوينىشىنى قوللايدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى قۇرۇلۇشى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى؛ زۇڭتۇڭ نەزەربايوف رەھبەرلىكىدە قازاقىستاننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. مەن، قازاقىستاننىڭ پارلاق نۇر يولىنى بويلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
نەزەربايوف جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قازاقىستاننى قوللاپ كەلگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قازاقىستان جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلقئارا ۋە رايون مەسلىلىرىدىكى ئالاقىسىنى ۋە ماسلىشىشنى ساقلاشنى، قازاقىستاننىڭ پارلاق نۇر يولى تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى بىلەن جۇڭگونىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تەشەببۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.



خەتكۈچلەر:
29-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek