دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئۆلچەملىك خام نېفىتىنىڭ 2- ئايدا مال تاپشۇرۇلىدىغان قەرەللىك مال باھاسى يەنە 1.29 دوللار چۈشۈپ، چۈشۈش چاستۇتىسى %3 كە يېتىپ، ھەر تۇڭنىڭ باھاسى 36.81 دوللارغا چۈشۈپ قالدى. لوندون تاۋار بېرژىسىدا كېلەر يىلى 2- ئايدا مال تاپشۇرۇلىدىغان بېرىنت خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسسى شۇ كۈنى 1.27 دوللار چۈشۈپ، چۈشۈش چاستۇتىسى %3.35 كە يېتىپ، ھەر تۇڭنىڭ باھاسى 36.62 دوللارغا چۈشۈپ قالدى.
ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ۋاقىتلىق ئاجىزلىشىشى نېفىت باھاسىغا ئازراق تېرەك بولغان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە پارچە سېتىش سودىسىنىڭ ھالسىزلىنىشى ۋە تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشتەك ئەندىشە كەيپىياتىىنىڭ كۈچىيىشى يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە زور بېسىم ئېلىپ كەلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved