ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ توشقۇزۇشتىكى تۈركۈم دەرىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرلىدۇ

ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەردە جۇڭگۇ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى 27 -قېتىملىق ئىلىم پەن يىللىق يېغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانى رەھبەرلىك قىلىش كومىتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى تەن سوڭخۇا تۇنۇشتۇرۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن كەلگۈسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قۇبۇل قىلىش يۆنىلىشى تۈركۈم دەرىجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارغا قوش يۆنىلىشلىك تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتى بولىدۇ دېدى.

 

تەن سوڭخۇا تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر دىيىلىۋاتقان تۈركۈم دەرىجىسىنى سۇسلاشتۇرۇش بولسا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بۇنىڭدىن كېيىن «تۇلۇق كۇرۇس بىرىنچى تۈركۈم»، «تۇلۇق كۇرۇس ئىككىنچى تۈركۈم»، «تۇلۇق كۇرۇس ئۈچىنچى تۈركۈم» دەپ ئايرىلمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى كەسىپلىرىنىڭ تەرتىپىنى خالىغانچە يازسا بولىدۇ. تەن سوڭخۇا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: چۈنكى بېيجىڭ ئۇنۋىرسىتىتى ، چىڭخۇا ئۇنۋىرسىتىتى قاتارلىق داڭلىق ئۇنۋىرستىتلارنىڭ ھەممە كەسپى ئەڭ ياخشى ئەمەس. بەزى مەكتەپلەر بىرىنچى تۈركۈمدىكى مەكتەپلەر ئەمەس، بىراق ئۇنىڭ مەلۇم بىر كەسپى ناھايىتى ياخشى بولىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئەگەر تۈركۈم دەرىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا ئوقۇغۇچىلار كەسىپكە ئاساسەن ئارزۇ توشقۇزالايدۇ. بەزى مەكتەپلەر بىرىنچى تۈركۈمدىكى مەكتەپ بولمىسىمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇنى بىرىنچى ئارزۇسىغا يازالايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق. بەزى مەكتەپلەرنىڭ ياخشى كەسپى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تاللىيالايدۇ.تۈركۈم دەرىجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ماسلىشىش ئۈچۈن بەلكىم بىر ئارخىپنى كۆپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. ئۇقۇغۇچىلار كۆپلىگەن مەكتەپلەرگە ۆكپ قېتىم ئارخىپىنى يوللاپ قوش يۆنىلىشلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلسا بولىدۇ.

 

مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لىيۇ لىمىن ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە دۆلەت 200 مىلىيارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ مەجبۇرىتەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىدۇ. ئۆتكەن مەزگىللەردە ئىقتىساد يېتىشمىگەنلىك سەۋەبىدىن بەزى ئىقتىسادى كەينىدە قالغان رايۇنلاردا ئىلگىرى مەكتەپتە ئۈستەل ئۇرۇنداقلار بولماسلىق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى ئۈستەل ئورۇندۇق ئەكىلىپ ئوقۇشتەك ئەھۋاللار بار ئىدى. مائارىپى ئاجىز رايۇنلارغا بولغان دىققەتنى كۈچەيتش مائارىپ مىنىسىتىرلىكىنىڭ ىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسى بۇلۇپ قالدى.كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مېيىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ 90% نىڭ مائارىپ قۇبۇل قىلىشى ئەمەلگە ئاشۇرلىدۇ. ئىگىلىنىشچە ھازىرقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 80 مىڭ مېيىپ بالىلار مەكتەپكە كىرمىگەن.كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە قەدەمگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ سىنىپقا بۆلۈنۈپ ئوقۇش، ئالاھىدىلىكى بار مەكتەپ قۇرۇش، مائارىپنى ئۆيگىچە يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قۇبۇل قىلالماسلىق مەسىلسى ھەل قىلىنىدىكەن.

 

ئۇنىڭدىن باشقا «مائارىپ تەڭپۇڭلىقى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مائارىپ مىنىستىرلىكى تەتقىق قىلىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئوقۇتقۇچى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىدىكەن. پىلان بۇ يىلدىن باشلاپ 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ناھىيە رايۇنى تەۋەسىدىكى مەكتەپ مۇدىرى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، ئادەتتىكىچىلىككە يۈزلەندۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن. يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ھەر يىلى 10% دىن تۆۋەن بولمىغان ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ مەكتەپ مۇدىرى بولىدىكەن. مەكەتەپ مۇدىرى ، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىقلار ئۇدا ئىككى نۆۋەت ۋەزىپە ۋاقتى توشقاندىن كېيىن پىرىنسىپ بويىچە ئالمىشىدىكەن. ھازىرغىچە ھەرقايسى ئۆلكە شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ماس ھالدا ئالمىشىپ ئىشلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
01-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek