ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1-فېۋرالدىن باشلاپ ساي يولى، تاشقى ئايلانما يولى يۈرۈش ھەققى قايتۇرۇلىدۇ

ئۈرۈمچى شەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ ساي يولى، تاشقى ئايلانما يولى يۈرۈش ھەققىنى قايتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بېجىرسە بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتوموبىللار ۋە سىرتتىن كەلگەن ئاپتوموبىللارنىڭ ساي يولى، تاشقى ئايلانما يولى يۈرۈش ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئىلگىرى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى تاپشۇرغان ساي يولى ۋە تاشقى ئايلانما يولى ھەققى 2015-يىلى 1-يانۋارنى ئۆلچەم قىلىپ ئارتۇق تۆلەنگەن قىسمى قايتۇرۇلىدىغانلىقىدەك يېڭى سىياسەتتىن كېيىن، كەڭ ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئىزچىل تۈردە بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. قاچان قايتۇرىدىكەن ؟ قانداق رەسىمىيەتلەرنى ئۆتەش كېرەككەن ؟ ھەممىنى بىر قېتىمدىلا ئالغىلى بولامدىكەن ؟ ھەقنى قەيەردە قايتۇرىدىكەن ؟ دېگەندەك سوئاللار توختىماي چىقتى. 17-مارت ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تارقالغان ‹‹ ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش ھەققىنى قايتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى ›› ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈردى.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىر ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن بۇ ئۇچۇرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلىماقچى بولغاندا، قارشى تەرەپ 1-فېۋرالدىن باشلاپ يول يۈرۈش ھەققىنىڭ قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر: ھەق قايتۇرۇلىدىغانلار كۆپ بولغاچقا، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ قولىدىكى ھۆججەتنىڭ تولۇق ياكى ئەمەسلىكىگە قارىتا تۈركۈمگە بۆلۈپ ھەق قايتۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىمىز، كونكرېت تەپسىلاتلار ئۇقتۇرۇش شەكىلىدە جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنىدۇ، كەڭ ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ئالدىراپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېگەن.
شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىسى ۋاڭ يۈ مۇنداق دېدى: ھەق قايتۇرۇش نۇقتىلىرىنىڭ قاتنىشىنىڭ قولايلىق، ھەق قايتۇرۇش كۆزنەكلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىنى، ھەق قايتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنىڭ ئاددىي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئىككى يىللىق ساي يولى، تاشقى ئايلانما يولى يۈرۈش ھەققىنى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرغان، بىر قېتىمدىلا بەلكىم 2000 يۈەن قايتۇرۇلۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن بەك خوش بولدۇم، لېكىن ۋاقتى كەلگەندە ئادەم كۆپ بولۇپ كېتىپ، ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ، خىزمەتكە دەخلى يېتىپ قالارمۇ دەپ ئەندىشىمۇ قىلىۋاتىمەن، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



خەتكۈچلەر:
18-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek