ئىراقنىڭ سالاھىدىن ئۆلكىسىدە بىر بىخەتەرلىك قىسمى شۇ كۈنى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 12 ئەسكەر قازا قىلدى.
ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ئىراقتىكى 2-چوڭ شەھەر موسولنى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان، ئىراق بۆلۈنۈش گىردابىغا بېرىپ قالدى، قالايمىقانلىقنىڭ كەينىدە زادى نېمە سەۋەب بار؟ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى تېپىپ چىققىلى بولامدۇ؟
ئۇرۇشتا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى چاقماق تېزلىكىدە شىمال ۋە غەربى قىسىمدىكى نۇرغۇن جايلارنى ئىشغال قىلدى ھەمدە ئۆتكەن ئايدا ئىراق ۋە سۈرىيەنى كېسىپ ئۆتكەن كەڭ رايوندا دۆلەت قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە سادىق بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.
ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىدىن باشقا، قورال ئېلىپ ھازىرقى شىئە مەزھىپى ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇۋاتقانلاردىن يەنە نۇرغۇن سۈننىي مەزھەپ قەبىلە ئاممىسى ۋە قوراللىق تەشكىلاتلار بار. ئەنبار ئۆلكىسىدىكى بىر قەبىلە باشلىقى ھەتتا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: زۇڭلى مالىك بىزنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنىمىز، دېدى.
ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلار ۋە ئۇلارنى قوللايدىغانلار سۈنئىيلەر ئاز ئەمەس. 1-ئىيۇل ئۆتكەن نۆۋەتلىك خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى نۇجىف رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت ھوقۇقى ئىتتىپاقى پارتىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، ھوقۇق تۇتقۇچىلارنىڭ باستۇرۇشى ۋە كەمسىتىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان قوراللىق قارىشى تۇرۇشتەك قانۇنلۇق ئېتىراز بىلدۈرۈشكە تەرەققىي قىلىش ھەرىكىتىنى تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن ئايرىپ قاراشنى مۇراجىئەت قىلدى.
باغداتتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى 1-ئىيۇل ئۆز قەرەلىدە ئېچىلغان بولسىمۇ، لېكىن پارلامېنت يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىدى. بەزى سۈننىيلەر ۋە كۇرت پارلامېنت ئەزالىرى غەزەپلىنىپ يىغىندىن چىقىپ كەتكەنلىكتىن، يىغىن مالىمانچىلىق ئىچىدە ئاياغلاشتى.
سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپىدىن باشقا ئىراقتىكى يەنە بىر مۇھىم ئامما بولغان كۇرتلارمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇزۇن مۇددەت قوغلىشىۋاتقان مۇستەقىللىق تەشەببۇسى ۋە زېمىن تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى. كۇرت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبىرى بارزانى يېقىندا: كۇرت ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىراقتىن چىقىپ مۇستەقىل بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقى ھەمدە ھازىرقى كۇرت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى جىرىكوكنى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۈنسايىن يامانلىشىۋاتقان ۋەزىيەت ئالدىدا، مالىك ھۆكۈمىتى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
مالىك ئۇرۇش مەيدانىدىكى پايدىسىز ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن، بىر قىسىم قاچقۇن يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلارنىڭ ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى ھەمدە ئۇلارنى ھەربىي سوتقا يوللىدى، ئامېرىكىدىن ھەربىي ئايروپىلان چىقىرىپ، قوراللىق ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى، F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋاقتىدا تاپشۇرۇلمىغان ئەھۋالدا، مالىك رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋالدى. ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق سۈننىيلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مالىك ئۇلارغا ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش بۇيرۇقى چىقاردى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: تەختتىن چۈشۈش ئېھتىمالى بولغان مالىك ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەيلى سىياسىي ۋاسىتە ئارقىلىق بولسۇن ياكى ھەربىي ۋاسىتە ئارقىلىق بولسۇن، نۆۋەتتىكى كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئورۇنلاپ بولغىلى بولمايدىغان ۋەزىپە، ھەرقايسى ساھەدىكىلەر كېلەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتكە ئۈمىد باغلىماقتا، ئىتتىپاق، كەڭ قورساق بولغان يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش- نۆۋەتتىكى ئىراق كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى دەپ قارىماقتا. يېڭى ھۆكۈمەت سۈننىي مەزھەپتىكى ئاممىنىڭ تەلىپىنى ئاڭلاش ۋە قاندۇرۇش ئارقىلىق، سۈننىي مەزھىپى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ۋە ئەسەىي تەشكىلاتلارنى قوللىشىنى پەسەيتىشى كېرەك.
ھالبۇكى 1-ئىيۇلدىكى پارلامېنت يىغىنىنىڭ مالىمانچىلىق ئىچىدە ئاياغلىشىشى يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش مۇساپىسىگە قارا تۇمان پەيدا قىلدى. بەزى سۈننىي مەزھەپ قەبىلە باشلىقلىرى بىز يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بىزنىڭ تەلىپىمىزنى قاندۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىدى. كۇرت ئاپتونوم رايونى مۇستەقىل بولۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى. شۇڭا كىرىزىسنى ھەل قىلىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ئىمكانىيىتى بارغانچە يوققا چىقتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved