ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى خەلق سارىيىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ تانزانىيە بىرلەشمىسىنىڭ زۇڭتۇڭى مېروشوفنىڭ ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشى زىياپىتىدە بۇلۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى .دۆلەت مېھمىنى ئاپتوموبىل ئەترىتى دۆلەت ئەترىتىنىڭ مۇھاپىزىتى بىلەن كوچىدىن ئۆتۈپ خەلق سارىيىغا يېتىپ كەلدى.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پىڭ لىيۈەن ،مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى چېن جۇ ،دۆلەت كومىسسارى ياڭ جېچى ،مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنى مۇئاۋىن رەئىس ما بىياۋ قاتارلىقلار قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .
تانزانىيە زۇڭتۇڭىغا ھەمراھ بۇلۇپ ،ئېلىمىزغا زىيارەتكە كەلگەنلەردىن زۇڭتۇڭ رەپىقىسى ،سابىق زۇڭلى ھەمدە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچى ،ئىنقىلاپ پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىسى ،دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىستىرلىقىنى مىنىستىرى قاتارلىقلار بار .ھەربىي ئوركېستىر تانزانىيە جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى .ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پارات سۇپىسىغا چىقىپ ،ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ سەپكە تىزىلىشىنى كۆردى .ئارقىدىن ھەربىي ئوركېستىر مۇزىكا ئورۇنلىدى .تانزانىيە زۇڭتۇڭى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 21-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىياپىتىدە بولغان .قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ،رەئىس شى جىنپىڭ تانزانىيە زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەتلەشتى .ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو تانزانىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ماختىدى ،ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ،كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ ،قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو تانزانىيە تەڭ مەنپەتلىندىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى .
رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :‹جۇڭگو تانزانىيە دوستلۇقى خەلقئارا بوران -چاپانلىرىنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بەردى ،ئىككى تەرەپ باشتىن ئاخىرى ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە ئۆگىنىپ ، يارەدم بېرىپ ياخشى دوست ،ياخشى ھەمراھقا ئايلاندى .بۇلتۇر 3-ئايدا مەن تانزانىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ،سىز بىلەن جۇڭگو تانزانىيە مۇناسىۋىتىنى تەڭ مەنپەتلىندىغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈش ھەققىدە مۇھىم ئورتاق تونۇشقا كەلگەن ئىدىم .بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ،ئىككى تەرەپ زىچ ماسلىشىپ ،زىيارەت نەتىجىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى .جۇڭگو تانزانىيە بىلەن ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ ،جۇڭگو تانزانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى ،جۇڭگو ئافرىقا دوستلۇقى ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېتەكچىلىك ۋە نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
بىرىنچى جۇڭگو بىلەن تانزانىيە ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان دوستلۇقنىڭ ئۈلگىسى ،بىز يۇقىرى قاتلام بېرىش كېلىشىنى ساقلاپ ،ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەت تارماقلىرى ،قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ،پارتىيىلەر ۋە يەرلىك ئەل ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ،يادرولۇق مەنپەتىمىزگە چېتىلىدىغان زور مەسىلىسىدە داۋاملىق ئۆز ئارا چۈشىنىشىمىز ۋە قوللىشىمىز كېرەك .ئىككىنچى :جۇڭگو بىلەن تانزانىيە ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ ،تەڭ مەنپەتلىنىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ھەمكارلىق ئۈلگىلىرى بۇلىشى كېرەك .جۇڭگو تانزانىيەنىڭ رايون ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى ،ياسىمىچىلىق بازىسى بەرپا قىلىپ ،ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى ۋە سانائەت رايونلىرىنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
تانزانىيە بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئاۋىئاتسىيە پۇل -مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ . ئۈچىنچى :جۇڭگو بىلەن تانزانىيە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان تەرەققىيات ئۈلگىلىرى بۇلىشى كېرەك .جۇڭگو تانزانىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئاكتىپ ياردەم بېرىشنى خالايدۇ ،تانزانىيەگە داۋاملىق داۋالاش ئەترىتى ۋە دېھقانچىلىق مۇتەخەسىسىلىرىنى ئەۋەتىپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ.
تۆتىنچى :جۇڭگو بىلەن تانزانىيە دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ئورتاق مەنپەتنى قوغدايدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق ئۈلگىلىرى بۇلىشى كېرەك .جۇڭگو تانزانىيە بىلەن ب د ت ئىشلىرى ،كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ ،خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل مۇۋاپىق نىشانغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ .جۇڭگو تانزانىيەنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ .كېلەر يىلى جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئالتىنچى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلىدۇ ،بىز تانزانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە يىغىننى ياخشى ئېچىپ جۇڭگو ئافرىقا يېڭىچە ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز .
تانزانىيە زۇڭتۇڭى مۇنداق دېدى :‹جۇڭگو بىلەن تانزانىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى بىرلىكتە بەرپا قىلغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان ،رەئىس شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق زىياپىتىدە تانزانىيەنى زىيارەت قىلىپ ،تانزانىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋىردە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ ھازىرغىچە تانزانىيەدە ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تېما بۇلۇپ قالدى .تانزانىيە جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان قوللىغانلىقى ۋە ياردەم قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ .
جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋېتىن ىساقلايدۇ ھەم قەدىرلەيدۇ .جۇڭگو تەرەپنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ .مەن كۇپ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ ،جۇڭگودىكى غايەت زور تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم .جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى بىزگە زور ئىلھام بېرىدۇ .ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بىر تەرىپى دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يولنى تاپتى ،ھەمدە مۇشۇ يولنى بويلاپ داۋاملىق ماڭىدۇ ،جۇڭگودا ياخشى سىياسەت بار ھەمدە ئىزچىل ئىجرا قىلىۋاتىدۇ ،تانزانىيە دۆلەتنى سانائەتلەشتۈرۈش ،زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ ، بىز جۇڭگو بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ ،ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ،ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ ،دۆلەتنىڭ كونا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىت قىلىمىز .
ئافرىقا خەلقى جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا دەل ۋاقتىدا ياردەم قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ .رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ› .ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىساد تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى قاتارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قۇيۇشقا قاتناشتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved