ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيادىكى تۇنجى قېرىشقا قارشى دورا كېلەر يېلى كىلىنكىدا تەجرىبە قىلىنىدىغان بولۇپ، تەجرىبە نەتىجىسى بەلكىم ئالزېيمېرىس كېسىلى (Alzheimer's disease) ۋە پاركىنسونىس كېسىلى (Parkinson's Disease) قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىيالىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار ئادەمنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىش ئارقىلىق، ئادەم ئۆمرىنى 110 ياشقا، ھەتتا 120 ياشقا ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
بىراق بۇ ئاڭلىماققا رىۋايەت كەبى تۇيغۇ بېرىدۇ، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، دېئابىت كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان مېتفوېمىن (Metformin) ھايۋانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتالايدىكەن. ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى مەزكۇر دورىنى كېلىنكىدا تەجرىبە قىلىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، تەجرىبە نەتىجىسى ئارقىلىق، ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۈنۈم بېرەمدۇ-يوق دېگەن مەسىلە ئىسپاتلىنىدىكەن.
ئەگەر تەجرىبە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ قالسا، 70 ياشلىق ئادەم بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن 50 ياشلىق ئادەمدەكلا ساغلام بولىدىكەن. بۇ قېرىلىشىش ئىلمىدە يېڭى بىر دەۋرنى ئاچىدىغان بولۇپ، ئۇنداق بولسا دوختۇرلار راك كېسىلى، دېئابىت كېسىلى ۋە ياشانغانلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىنى داۋالىمىسىمۇ، ئەكسىچە قېرىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك نېگىزلىك مەسىلىنى ھەل قىلسىلا بولىدىكەن.
شوتلاندىيەلىك قېرىلىشىشقا قارشى تۇرۇش ئىلمى تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكا كالفورنىيە بۇك قېرىلىشىش مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزى (Buck Institute on Aging) نىڭ تەتقىقاتچىسى پىراففىسور گوردون لىتگوۋ (Gordon Lithgow) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈر تەتقىقاتىنىڭ ئاساسلىق مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى:«ئەگەر سىز قېرىلىشىش جەريانىنى تەتقىقات نىشانى قىلسىڭىز، ھەمدە قېرىلىشىشنى كىچىكتۈرسىڭىز، ئۇنداقتا سىز قېرىلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياشانغانلارنىڭ دىۋەڭلىك كېسىلى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلغان بولىسىز. بۇ بىر ئىنقىلاب خاراكتىرلىك ئىش.»
دېيىلىشىچە، قېرىلىشىش ھەرگىزمۇ ھاياتلىق ساقلانغىلى بولمايدىغان تەركىبى قىسىم ئەمەس، چۈنكى بارلىق ھۈجەيرىلەردە ئورگانىزىمنى مەڭگۈ نورمال خىزمەت قىلدۇرالايدىغان بىر خىل DNA خەرىتىسى بار. مەسىلەن، بىر قىسىم دېڭىز جانلىقلىرى پەقەتلا قېرىمايدۇ.
بىراق بىز ھاياتىمىزدا نەچچە مىليارد قېتىملاپ ھۈجەيرە پارچىلىنىشىنى باشتىن كەچۈرىمىز ۋە شۇ ئارقىلىقلا ئاندىن ھاياتىمىزنى نورمال داۋاملاشتۇرالايمىز. ھۈجەيرىنىڭ پارچىلىنىش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، بۇ جەرياندىكى خاتالىقمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ھۈجەيرىدىكى بۇنداق خاتالىقلار سەۋەبىدىن ئورگانىزىم زىيانغا ئۇچرايدۇ ۋە بۇ زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ. راك كېسىلىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ھۈجەيرە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرالمايدۇ، ئۆسمە بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۈزلىكسىز چوڭىيىدۇ. يەنە ئالزېيمېرىس كېسىلىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، چوڭ مېڭە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلالمىسا، ياشانغانلاردىكى دىۋەڭلىك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، ئەڭ ياخشى بولغان قېرىلىشىشقا قارشى تۇرۇش دورىسى دەل مېتفوېمىن بولۇپ، ئۇ دۇنيادا ئىشلىتىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان قان شىكىرىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى، ئۇنى ئىستىمال قىلغاندا ھەر كۈنى پەقەت 15 دوللارلا چىقىم بولىدۇ. مېتفوېمىن ھۈجەيرىلەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان ئوكسېگىن سانىنى كۆپەيتىدىغان بولۇپ، بۇنداق كۆپەيتىش ئورگانىزىمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار Caenorhabditis elegans دەپ ئاتىلىدىغان بىر قۇرتقا مەزكۇر دورىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، قۇرتنىڭ قېرىلىشىش سۈرئىتى بارغانسىرى ئاستىلىدىغان ۋە شۇنداقلا ئۆمرى كۆرىنلەرلىك ئۇزارغان. چاشقانغا ئىشلەتكەندە، چاشقاننىڭ ئۆمرى %40 ئۇزارغان.
مەزكۇر تۈر تەتقىقاتى كېلەر يىلى قىشتا ئامېرىكىدا باشلىنىدىغان بولۇپ، ھازىر كۆپ قىسىم ئورگانلار مەبلەغ توپلاۋاتىدۇ ۋە شۇنداقلا 70 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغان 3000 نەپەر ياشانغان، بۇندىن كېيىن راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، ياشانغانلاردىكى دىۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى بولغان پىدائىيلارنى ئىزدەۋاتىدۇ.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved