گۇاڭدۇڭ خۈيجۇ شەھىرى خۇيدۇڭ ناھىيەسىدىكى 45 ياشلىق ئايال شېن يىڭليەن نەچچە مىليارد يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە بوغۇلغاندىن كېيىن، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى قېچىپ كەتتى. 2015-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا ئۇ توختام ئالدامچىلىقى قىلغان دېگەن گۇمان بىلەن بېيجىڭدا قولغا چۈشتى. ئۇ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن نەچچە مىليون نەق پۇلنىڭ بىر قىسىمىنى ھۆسىن تۈزىتشكە ئىشلىتىپ بولغانىدى. ھازىرغىچە، ساقچى تەرەپكە دىلو مەلۇم قىلىنغان سومما بىر مىلياردقا يېقىنلاشقان. ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شېن يىڭليەن ئالغان قەرز 3مىلياردتىن ئېشىپ كەتكەن، بەزى قەرز ئىگىلىرى دىلو مەلۇم قىلمىغان، چۈنكى پۇللارنىڭ بىر قىسىمى چىرىكلىششىكە ھەم زەھەر ياساشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنكەن. «كەچۈرۈڭ»، «ھاياتىم بىلەن قايتۇرىمەن»
ساقچى تەرەپنىڭ خاتىرىسىدە 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى خۈيجۇ شەھىرى خۈيدۇڭ ناھىيەسىدىكى 45 ياشلىق ئايال شېن يىڭليەن قېچىپ كەتكەن، ئۇ بىر توختام ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق بولۇپ، توختام سوممىسى 200 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ دەپ گۇمان قىلىنغان.
تۇنجى بولۇپ دىلو مەلۇم قىلغۇچى دىشۆ (ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن، تۆۋەندە ئوخشاش ئېلىنىدۇ) ئۆي بىساتلىرىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئايرىلغان بولۇپ، نەچچە قېتىم ئۆلۈۋالماقچى بولغان.
2013-يىل 4-ئايدا دىشۆ بىلەن تونۇشقىلى ئۇزاق بولغان خۈيدۇڭ ناھىيەلىك يېزا-ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ چيۇيىڭ ئۇنىڭغا شېن يىڭليەننى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ مەقسىتى ئۇلار بىلەن بىلەن بىرلىكتە «ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش» ئىدى. 2013-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ شېن يىڭليەن دىشۆدىن زور مىقداردا قەرز ئېلىشقا باشلىدى.
شېن يىڭليەن تۇنجى قېتىمدا 14 مىليون ئالغاندىن باشلاپ، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرقى 72 مىليوننى ئالغانغا قەدەر، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دىشۆدىن 208 مىليون يۈەن قەرز ئالغان.
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ ئۇ دىشۆدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باشلىغان. 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇ دىشۆگە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، «كەچۈرۈڭ»، قەرزلەرنى پەقەت «ھاياتىم بىلەن قايتۇرىمەن» دېگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن.
دىشۆ دىلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، باشقا قەرز ئىگىلىرىمۇ بىر-بىرلەپ پەيدا بولۇشقا باشلىغان. خۈيدۇڭ ناھىيەسىدىكى ليۇ فامىلىلىك سودىگەر شېن يىڭليەنگە 400 مىليون يۈەن بېرىپ تۇرغاچقا، جەمەتىنىڭ مال-مۈلۈكلىرى ئارقىلىق ئۆز قەرزلىرىنى تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. يەنە بىر ليۇ فامىلىلىك سودىگەر شېن يىڭليەنگە 70 مىليون مىليون قەرز بەرگەن بولسىمۇ، قايتۇرىۋېلىشقا ئامالسىز قالغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ دېيىشىچە، شېن يىڭليەن قەرز ئالغان پۇللارنىڭ ئاز بىر قىسىمى بانكا قەرزىدىن كەلگەندىن باشقا مۇتلەق كۆپ قىسىمى خەلق ئارىسىدىكى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزدىن كەلگەن.
2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە خۈيجۇدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى قاراپ چىققان شېن يىڭليەنگە مۇناسىۋەتلىك دىلو 20 دىن كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بانكىدىن ئېلىنغان سومما 90 مىليون يۈەن، خەلق ئارىسىدىكى قەرز 280 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
شېن يىڭليەن 1969-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئىستىپا بېرىپ، بىر ئاشخانا ئاچقان، بۇ يول ئارقىلىق ئاشخانىسىغا كىرگەن خېرىدارلار بىلەن تونۇشقان ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا كىرگەن. 2006-يىلىدىن باشلاپ ئۇ خەلق ئارىسىدىن زور مىقداردا كاپىتال توپلاپ، يەر ۋە ئۆي- زېمىن خوجىلىقىغا مەبلەغ سالغان. لېكىن ئۇ قىلىۋاتقان ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزلىرىنى قامداپ بولالمىغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزنى قايتۇرۇشقا قۇربىتى يەتمىگەن شېن يىڭلىيەن بىر مىليوندىن كۆپرەك نەق پۇلنى ئېلىپ، يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن. ساقچىلار ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن باشقا، بىر قىسىم قەرز ئىگىلىرى ئۆزى ياللىغان ئادەملەرنى ئىشقا سېلىپ، ھەممە يەردىن ئۇنى ئىزدىگەن.
ئىككى يىلغا يېقىن ئىز قوغلاش ئارقىلىق خۈيجۇ ساقچى تەرەپ ئالدىنقى ئاينىڭ ئوتتۇرىدا ئاللىقاچان ھۆسىن تۈزەتكەن شېن يىڭليەننى قولغا چۈشۈرگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 27-ئاپرېل، گوللاندىيە. گوللاندىيە پادىشاھى ۋېليام ئالېكساندىر ۋە خانىش ماكسىما ئۈچ قىزى بىلەن بىللە «پادىشاھ بايرىمى» نى تەبرىكلەشكە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved