پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ باش دېرىكتورى ئىئان ئېل زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ توپچىلىرىنىڭ ئاخبارات خاراكتېرىدىكى نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، توپچىلارنىڭ مۇشۇنداق ۋاستىلەر ئارقىلىق ھەرخىل ئاقىۋەتلەرگە پېتىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىتالىيەلىك توپچى باللوتېللى Instagram غا دەرىجىدىن تاشقىرى مارىئونىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ « قارا تەنلىكلەرگە ئوخشاش سەكرەيدۇ. يەھۇدىيلارغا ئوخشاش تەڭگە يېغىدۇ.» دەپ يېزىپ قويغان. گەرچە باللوتېللى تېزلا بۇ رەسىمنى يۇيىۋەتكەن بولسىمۇ بىراق ئېنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يەنىلا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. بۇ بەلكىم باللوتېللىنى مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسىغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.
بۇ نىڭغا قارىتا ئېل مۇنداق دېدى: « ئەگەر قۇلۇمدىن كەلگەن بولسا مەن توپچىلىرىمنى ئاشۇنداق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن يىراق قىلاتتىم. چۈنكى بۇ ھەقىقەتەن چوڭ بىر ئاۋارىچىلىق. راستىنى ئېيتقاندا كۇلۇب ئاللىبۇرۇن بۇ جەھەتتە توپچىلارغا تەربىيە ئىشلىدى. بىراق ھەر بىر مۇسابىقە پەسلىدە بۇنداق مەسىلە يەنىلا يۈز بېرىدۇ. بەلكىم باشقا كۇلۇبلاردىمۇ مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىق ياكى باشقا شەكىلدىكى ئاۋارىچىلىق يۈز بېرىدىغاندۇ.»
باللېتوللى ھەقىقەتەن چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر توپچى. شۇڭا پۇتبول دۇنياسىدا « ئۇنىڭ دۇنياسىنى سىز چۈشەنمەيسىز» دېگەن گەپ مودا.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved