گۇاڭجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ 15-ئىيۇل كەچتە ئۇقتۇرۇشىچە، شۇ كۈنى كەچتە گۇاڭجۇ شەھىرى خەيجۇ رايونى گۇاڭجۇ كوچىسى نەندۈنخې يول ئېغىزىنىڭ جەنۇبىي يۆنىلىشىدىكى بىر كوچا ئاپتوبۇسىغا ئوت كەتكەن، سائەت 22 يېرىمغىچە، ۋەقەدە ئىككى ئادەم قازا قىلغان، 32 ئادەم يارىلانغان. نۆۋەتتە، بارلىق يارىدارلار ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ داۋالىتىلماقتا، نەق مەيداننىڭ قاتناش تەرتىپى ئەسلىگە كەلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۆلكە ۋە شەھەردىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش شۇنداقلا ھەقىقىي ئەھۋالنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە، گۇاڭجۇ ساقچىلىرى كۈچ تەشكىللەپ، ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved